باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2014.09.04 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خامچوت باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە كىرىم-چىقىمىنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە ئاشكارىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر مۇھاكىمە قىلىندى

  تەنتەربىيە كەسپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىستېمالى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2 -سېنتەبىر گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا خامچوت باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە كىرىم-چىقىمىنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە ئاشكارىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر مۇھاكىمە قىلىندى، تەنتەربىيە كەسپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىستېمالى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خامچوت ‐‐ جامائەت مالىيەسىنىڭ ئۇلتېشى. خامچوت باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا لايىقلاشقان زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى بەرپا قىلىش ‐‐ مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ «مۇقەددىمىسى»، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئىنقىلابىنىڭ مۇھىم تەدبىرى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ماقۇللىغان خامچوت قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خامچوت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، مالىيە كىرىمىنى قېلىپلىق ۋە ئاساسلىق، چىقىمنى ئاشكارا قىلىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. نۆۋەتتە، نۇقتىلىق ھالدا «ئۈچنى كۈچەيتىش»نى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى «ھەرىكەت»نى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى «قېلىپلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، خامچوت چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش لازىم؛ ئىككىنچىدىن، خامچوت ئاشكارىلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، دۆلەت غەزىنىسى مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم؛ تۆتىنچىدىن، «كىچىك غەزىنە»نى ئېنىقلاش-تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ھەرخىل-ھەر تۈرلۈك «شەخسىي پۇل»لىرىنى بىكار قىلىپ، جامائەت مەبلىغنىنىڭ «ئېقىپ ۋە ساقىپ كېتىش» يوللىرىنى ئېتىپ تاشلاش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، باج يىغىش-باشقۇرۇش ۋە باجدىن باشقا كىرىمنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم؛ ئالتىنچىدىن، يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر