ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى: قەشقەر شەھىرىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن 30 دىن ئارتۇق ۋەكىل قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى 4-سېنتەبىر تەشكىللىگەن «كونا شەھەر رايونىنى ئايلىنىپ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈش ، قەشقەر ئالاھىدە رايونىغا بېرىپ تەرەققىياتنى ھېس قىلىش » تېمىسىدىكى ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ، قەشقەر كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغان بەش يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ۋە قەشقەر ئالاھىدە رايونىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن ئاساس سالدى .