باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى 2020-يىلى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدۇ

سىېتىۋېلىش مەبلىغى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ

2014.09.04 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت ئورۇن يېقىندا «ھۆكۈمەت كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سېتىۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزدە ھۆكۈمەت كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سېتىۋېلىشنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ئىقتىدارى مۇكەممەل، كۆلىمى مۇۋاپىق، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلار ۋە مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان، مەمۇرىي باشقۇرۇش فۇنكسيەسىگە ئىگە كەسپىي ئورۇنلار ھۆكۈمەتنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سېتىۋېلىش سۇبيېكتى قىلىنىدۇ. مەمۇرىي ئىشتاتقا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇلىدىغان ھەمدە خىراجىتىنى مالىيە ئۈستىگە ئالىدىغان تەشكىلاتلارمۇ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ئارقىلىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ. سېتىۋېلىش خىزمىتىدە ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشقا دائىر قانۇن-تۈزۈملەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، مۇلازىمەت تۈرىنىڭ سېتىۋېلىش ئېھتىياج ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى تاللاش ئارقىلىق سېتىۋېلىش سۇبيېكتى تاللىنىدۇ، ئۆتكۈزۈپ ھۆددىگە بېرىش قىلمىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  جۇڭگو مىلەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر