باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى: ئېلىمىز «بوشلۇقنى ئېچىۋېتىشنى» پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ

2014.09.04 09:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 2-سېنتەبىر «يەر شارى دوستلۇق ئايرودرۇمىنىڭ لېدىرلىرى مۈنبىرى» دە مۇنداق دېدى: ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، پات ئارىدا، ئېلىمىزدە «بوشلۇقنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار، تىرانسىپورت كۈچى، توشۇيدىغان ئادەم سانى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

  نۆۋەتتە ئېلىمىز 115 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ھۆكۈمەتلەر ئارا ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورت كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. مەملىكەت بويىچە سىرتقا ئېچۋېتىلگەن ئاۋىئاتسىيە پورت ئېغىزى 55 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 25 ىدە بوئېن 747 تىپلىق ئايروپىلان قونالايدۇ ۋە ئۇچالايدۇ. سانلىق مەلۈماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2014-يىلى ياز ۋە كۈز پەسلىدە 111 چەتئەل ئاۋىئاتسىيىسى 55 دۆلەت ۋە رايوندىكى 104 شەھەردىن ئېلىمىز تەۋەسىدىكى 46 شەھەرگە ئۇچقان ۋە قونغان، ھەر ھەپتىدە 2705 قەرەللىك يولۇچىلار ۋە يۈك نۆۋەتچى ئايروپىلانى قاتنىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ 19 ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى ئېلىمىزنىڭ 47 شەھىرىدىن 49 دۆلەت ۋە رايوندىكى 120 شەھەرگە ئۇچقان، ھەر ھەپتىدە 2854 قەرەللىك يولۇچىلار ۋە يۈك نۆۋەتچى ئايروپىلانى قاتنىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر