باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى يىپەك يولى بۇلغىمىسىز يول بولۇشى كېرەك

2014.09.04 14:42         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ب د ت سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى لى يۇڭ 1 – سېنتەبىر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇشتا، مۇھىمى، بۇلغىمىسىز تەرەققىي قىلىش، تەبىئي ئېكولوگىيەنى ساقلاشتۇر. بۇلغىمىسىز تەرەققىي قىلىش دەۋرنىڭ يۈزلىنىشى، يىپەك يولى ھاياتىي كۈچىنىڭ مەنبەسى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق رايونلار ئېنېرگىيە مەنبەسى مول، ئەمما ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايونلاردۇر. بۇلغىمىسىز تەرەققىي قىلىش ئاساسىي تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يېڭى دەۋرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا، ياشاش ئۇسۇلىغا، سودا ئەندىزىسىگە ماسلىشىش جەھەتتە ئىزدەنگەندىلا، يىپەك يولىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  لى يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، بۇ مۇھىم تېما شۇنىڭدىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادا، بولۇپمۇ قەدىمكى يىپەك يولى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە غايەت زور ئىنكاس قوزغىدى. ب د ت سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيەنى ئىنتايىن قوللىدى ھەم كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىش يولىغا پائال ئاتلاندى. شۇ پائالىيەتلەر ئارىسىدىكى مۇھىم بىر پائالىيەت شۇكى، ب د ت سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتى ئۇدا ئىككى يىل جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە يۇمىلاق ئۈستەل مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  لى يۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلقى يۇمىلاق ئۈستەل مۇنبىرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى قانداق قىلغاندا بۇلغىمىسىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى ۋە سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەرلەشتۈرۈشتىن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت. بىز ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك يۇمىلاق ئۈستەل مۇنبىرىنىڭ كۆپچىلىككە يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەسەۋۋۇر ئاتا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  لى يۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت بۇلغىمىسىز ئىقتىسادنى كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ نىشانى قىلماقتا. بۇلغىمىسىز سانائەت ئۇقۇمى ئىككى قاتلاملىق مەناغا ئىگە بولۇپ، بىرى، سانائەت سىستېمىسىنى بۇلغىمىدىن تېخىمۇ خالىيلاشتۇرۇش؛ يەنە بىرى، مۇكەممەل سانائەت مۇلازىمەت كەسپىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، ب د ت سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتى بۇلغىمىسىز سانائەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، بۇلغىمىسىز تەرەققىي قىلىش ئۇقۇمىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە ئەزا دۆلەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ مۇھىت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ سىجىل، تېخىمۇ ئىناق تەرەققىيات يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  لى يۇڭ شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى تېز تەرەققىياتى ھەققىدە توختالغاندا، مۇھىت ئاسراش جەھەتتە بەزى مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى، ب د ت سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن جەھەتتە شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىشىشىغا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  لى يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بىز شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان سودا ۋە سانائەت تەرەققىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يوشۇرۇن ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇھاكىمە قىلغانىدۇق، مەسىلەن: كۆكتات، مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە. بۇلغىمىسىز ئىشلەپچىقىرىش، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىمىنى ئازايتىش بىزنىڭ كۈچلۈك تۈرىمىز بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلار بىلەن ھەمكارلاشساق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقى مول. مېكسىكا، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار مۇھىت ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەن، بىز ئۇلارنىڭ تەجرىبىسىنى شىنجاڭدا ئۆرنەك قىلىمىز.

  لى يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىر جەھەتتىن، بۇلغىمىسىز تەرەققىيات سىياسەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز ھەم ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، مۇكەممەل رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزمى بۇلغىمىسىز تەرەققىياتنىڭ مۇھىم كاپالىتى؛ يەنە بىر جەھەتتىن، جايلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارادىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە تەجرىبىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، مۇھىت ئاسراش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تەڭ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر