باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز 2014–يىللىق 2–قارارلىق كۆزىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى

2014.09.04 14:44         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىدىكى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بەش كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 29 – ئاۋغۇستتىن 2 – سېنتەبىرگىچە شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى، شىنجاڭ تارىم دەريا ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، سانجى ئىنستىتۇتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا مۇنتىزىم كۆزىتىشنى قانات يايدۇردى.

  يېقىندا، ئىدارىلەردە ئېچىلغان كۆزىتىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش بىلەن بىللە، كۆزىتىش خىزمىتىدە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ خىزمەتنى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ مەركەزگە يىغىنچاقلاپ، ‹‹تۆتكە كۈچەش›› فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، كۆزىتىشنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار كۆزىتىلىدىغان ئىدارە پارتكومىنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە تولۇق ئىشىنىشىنى، قوللىشىنى، ماسلىشىشىنى ۋە نازارەت قىلىشىنى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، مەسىلىلەرنى ئەينەن ئىنكاس قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  كۆزىتىلىدىغان بەش ئىدارىنىڭ پارتكوم شۇجىسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا كۆزىتىشكە ئاكتىپ ماسلىشىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلىشىغا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق 2 – قارارلىق كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ۋاقتى 30 – ئاۋغۇستتىن 25 – ئۆكتەبىرگىچە بىر يېرىم ئاي بولىدۇ، كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ۋە مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلدى. 1 – كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتىنى كۆزىتىدۇ، مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 6278673 – 0991 مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھىرى 112 – خەت ساندۇقى؛ 2 – كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنى كۆزىتىدۇ، مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 3677665 – 0991، مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھىرى 113 – خەت ساندۇقى؛ 3 – كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنى كۆزىتىدۇ، مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 2329882 – 0909، مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى: بورتالا شەھىرى 100 – خەت ساندۇقى؛ 4 – كۆزىتىش گۇرۇپپىسى سانجى ئىنستىتۇتىنى كۆزىتىدۇ، مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 2335174 – 0994، مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى: سانجى شەھىرى 1080 – خەت ساندۇقى؛ 5 – كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ تارىم دەريا ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنى كۆزىتىدۇ، مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 6789271 – 0996، مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى: شىنجاڭ كورلا شەھىرى نېفىت – خېمىيە يولى 355 – خەت ساندۇقى. كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 00:10 – 00:22گىچە تېلېفون قوبۇل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر