باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبە قىلغانلىقى خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزدى

2014.09.04 09:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-سېنتەبىر جايلار خىلمۇ خىل پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، 3-سېنتەبىر ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبە قىلغانلىقى خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى. بېيجىڭ خەلق ئىنقىلاۋى ھەربىي موزىيىدا «يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۆرگەزمىسى توغرىسىدىكى تارىخنى ئۇنتۇپ قالمايلى» دېگەن تېمىدىكى كۆرگەزمىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى مەدەنىي يادىكارلىقلار جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باتۇرلۇق بىلەن دۈشمەن بىلەن ئېلىشىشتەك ئۇلۇغ تارىخى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئامما بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندى.

  2-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، لياۋنىن جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپئە باش ئەترىتىدىكى ئوفىتسىر ئەسكەرلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىسى بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى بىرلىكتە پىڭدىڭشەن پاجئەلىك دېلوسى خاتىرە سارىيىدا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىنقىلاۋى قەھىرمانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر