باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ‹‹بىڭتۈەننى ئېچىۋېتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش›› تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى

2014.09.04 14:46         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 4 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ‹‹بىڭتۈەننى ئېچىۋېتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش›› تېمىسىدىكى پائالىيەت 2 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى چې جۈن، گىرۇزىيەنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى زىۋىئاد كىگىگۇرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ قوماندانى ليۇ شىنچى مەخسۇس تېمىدا سۆز قىلدى.

  قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، رۇسىيە، گىرۇزىيە، تۈركىيە، پاكىستان، ئىران، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئىقتىساد، سودا - سانائەت ساھەلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم كارخانىچىلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ليۇ شىنچى مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان بىڭتۈەن تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە دۆلەت ھالقىغان رايونلار ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئارقىلىق بىڭتۈەننى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىنى، بىڭتۈەننى تونۇشىنى ۋە بىڭتۈەن بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سارىيېۋ، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى تەرەققىيات ئىستراتېگىيە بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى خې جيەنۋۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سترايىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ئانتاي قاتارلىقلار پائالىيەتتە سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر