باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى›› يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ھەمراھلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2014.09.04 14:47         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  31 – ئاۋغۇست ‹‹غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى›› يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ھەمراھلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا قەدىمكى ‹‹غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى››نىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولغان بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى بايلىقلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا يىپەك يولى يېڭى ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

  ئۇقۇشىمچە، يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ياشلارخەلقئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تارىخ، ئىقتىساد ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار تەكلىپ قىلىنغان. يىغىن ‹‹غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى›› يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ھەمراھلار سۇپىسى قۇرۇپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، سودا، پەن – تېخنىكا، مائارىپ، سەھىيە ساھەلىرىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بايلىقلاردىن تەڭ پايدىلىنىپ، بىرلىكتە يېڭى يىپەك يولىدىكى تارىخىي شەھەرنى قايتا نامايان قىلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان.

  يىغىندا، بۇ يىلدىن باشلاپ، ھەر يىلى جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى، تۈرلۈك مۇنبەر، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنلىرىدىن پايدىلىنىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ‹‹غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى›› يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ھەمراھلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر