باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك خىزمەت بىلەن شوغۇللانغۇچى

2014.09.05 16:17         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 2 -سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە ، ئامېرىكىلىق 55 ياشلىق ئەر جىم ھاررىسون ‹‹ دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك خىزمەت ›› بىلەن شوغۇللىنىدىغان بولۇپ ، ئۇكېنتۇككى ئىشتاتىدىكى ئۆمىلىگۈچى ھايۋاناتلار باغچىسىدا 2000 دىن ئارتۇق زەھەرلىك يىلاننى باققاندىن سىرت يەنە ، ھەر ھەپتىدە قۇرۇق قول ھالدا مىڭغا يېقىن يىلاننىڭ زەھىرىنى ئالىدىكەن . بۇرۇن ھاررىسوننى سەككىز قېتىم يىلان چېقىۋالغان بولۇپ ، ئۆلگىلى تاس قالغان .

  ھاررىسون ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا يىلانغا قىزىقىدىغان بولۇپ ، ئالتە ياش ۋاقتىدا تۇنجى قېتىم يىلان چېقىۋالغان . ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ، 17 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ يىلان تۇتۇش ۋە زەھىرىنى ئېلىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدىغان . ئۇنىڭ ئايالىمۇ ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا قىزىقىپ قالغان . ئەر - ئايال ئىككىسىنىڭ ئامېرىكا بويىچە ھەتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زەھەرلىك يىلان ھايۋاناتلار باغچىسى بار بولۇپ ، ھاررىسون كۈنىگە نەچچە يۈز يىلاننى تۇتىدىكەن ھەمدە ئىستاكانغا ئۇلارنىڭ زەھىرىنى يىغىۋالىدىكەن . بۇ زەھەرلىك يىلانلار نەچچە مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلىدىغان بولۇپ ، ئۇلار ئاساسلىقى جانلىقلار تېببىي تەتقىقاتىدا ئىشىلتىلىدىكەن ، بەزىلىرىنى ئۇنىۋېرسىتېت ياكى دورا ياساش شىركەتلىرى يىغىۋالىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر