باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دەرسلىك، ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى قانۇنسىز نەشىر قىلىش، قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلدى

2014.09.05 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-سىنتەبىر دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، جايلار ھوقۇققا دەخلى يەتكۈزۈپ ئوغرىلىقچە نەشىر قىلىش ۋە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرى، ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى قانۇنسىز نەشىر قىلىش، بېسىش، تارقىتىش قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاب قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، بىر تۈركۈم دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

  تونۇشتۇرىلىشىچە، مۇنداق نۇقتىلىق دېلولار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان: ئەنخۇي ئۆلكىسى سۇجۇ شەھىرىدىكى 31-ئاۋغۇست ئوغرىلىقچە نەشىر قىلىنغان دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى سېتىش دېلوسى؛ خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىدىكى 24-ئاپرېل ئۆسمۈر-بالىلار قانۇنسىز نەشرىيات بۇيۇملىرىنى ياساش سېتىش دېلوسى؛ خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭشى شەھىرى 11-ئىيۇن ئوغرىلىقچە كىتاب نەشىر قىلىش، سېتىش دېلوسى؛ خېنەن ئۆلكسى سۈيشيەن ناھىيەسىدىكى ئوغرىلىقچە نەشىر قىلىنغان دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش دېلوسى؛ خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرىدىكى ئوغرىلىقچە نەشىر قىلىنغان دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش دېلوسى؛ خېنەن ئۆلكىسى خېلىن باسمىچىلىق چەكلىك شىركىتى دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاب بېسىش دېلوسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر