باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى» ئېلان قىلىندى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى باشلاندى

2014.09.05 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى» 4-چېسلا ئېلان قىلىندى، بۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئورنى مۇنداق بەلگىلەندى: ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ئىلمىي تاللاش. ئىسلاھاتنىڭ نىشانى: 2014-يىلى ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىنىقىنى باشلاپ، 2017-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا جۇڭگوچە زامانىۋى ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىپ، ئايرىپ ئىمتىھان ئالىدىغان، ئۇنىۋېرسال باھالايدىغان، كۆپ تەرەپلىمە قوبۇل قىلىدىغان ئىمتىھانلىق قوبۇللاش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ئىلمىي تاللاپ، كۈچلۈك تۈزۈلمە مېخانىزمىنى نازارەت قىلىپ، ھەر دەرىجە، ھەر تۈرلۈك مائارىپىنى تۇتاشتۇرىدىغان، كۆپ خىل ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش «ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى»نى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر