- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
2014-يىللىق«ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىسى باغۋەن مۇكاپاتى» بېيجىڭدا تارقىتىلدى
2014.09.05 15:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە قاتناش بانكىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 2014-يىللىق «قاتناش بانكىسىنىڭ ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىسى باغۋەن مۇكاپاتى» بويىچە تەقدىرلەش پائالىيىتى 3-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، 200 نەپەر ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىسى تەقدىرلەندى، تەقدىرلەنگەن 30 نەچچە ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىسى ۋەكىلى ۋە 100 نەچچە نەپەر ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسى ۋەكىلى تەقدىرلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى ليۇ لىمىن يىغىندا مۇنداق دېدى: مائارىپ تارماقلىرى ئالاھىدە مائارىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈپ، مېيىپ بالىلارنى باشقا بالىلارغا ئوخشاش ياخشى تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر