باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىگىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2014.09.05 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2-سېنتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، خامچوت باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە كىرىم-چىقىمنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئايدىڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك پىكىرنى تەتقىق قىلىپ، تەنتەربىيە كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەنتەربىيە ئىستىمالىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: خامچوت-ئاممىۋى مالىيەنىڭ ئۇل تېشى. خامچوت باشقۇرۇشىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۇرۇپ، زامانىۋىلىشىشقا ماس كەلگەن زامانىۋى مالىيە تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش- مالىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلاۋىنىڭ مۇھىم تەدبىرى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك3مەركىزى كومىتېتى 3--ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان خامچوت قانۇنىنىڭ تۈزۈتىلمە لايىھەسىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت فونكىسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدىگەن ھالدا خامچوت باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە كىرىمنى قېلىپلاشتۇرۇپ، چىقىمنى ئاشكارلاپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: تەنتەربىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە كەسپى ۋە مۇلازىمىتىنى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش- خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش، ئىستىمالغا تۈرتكە بولۇش، ئىچكى تەلەپنى كېڭەيتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېىشىش نۇقتىسىنى يىتىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، بازار كۈچىگە تېخىمۇ تايىنىپ، تەنتەربىيە كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەنتەربىيە ئىستىمالىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر