باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇغۇرتا مەبلىغىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سېلىنىش بوشلۇقى تېخىمۇ چوڭىيىدۇ

2014.09.05 15:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ 2014-يىلى ئوتتۇرا مەزگىللىك تېجارەت نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان تۆت چوڭ سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك تېجارەت نەتىجىسى تولۇق ئېلان قىلىنىپ بولدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى، شىنخۇا سۇغۇرتىسى، جۇڭگو تىنچ ئوكيان سۇغۇرتىسى ۋە جۇڭگو ئامانلىق سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت تۆت سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ساپ پايدىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %10تىن ئاشقان.

  تونۇشتۇرىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا نۇرغۇن سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش يوللىرى كېڭەيگەن، مۈلۈك قۇرۇلمىسى سەرخىللاشقان.

  جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى «گوۋۇيۈەننىڭ 10 ماددىسى» سۇغۇرتا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇ بۇندىن كېيىن سۇغۇرتا مەبلىغىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە سېلىنىش بوشلۇقىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر