چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن ۋە ئۇنىڭ خانىمى رى سولجۇ 3-سېنتەبىر چاۋشيەن مۇدەن چوققىسى ئوركېسترىنىڭ پيۇڭياڭدىكى مانسۇدا تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا كېچىلىكىنى كۆردى
چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن مۇدەن چوققىسى ئوركېسترىنىڭ يېڭى ئىجادىيەت مۇزىكا كېچىلىكى 3-سېنتەبىر پيۇڭياڭدىكى مانسۇدا تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن . چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن ۋە ئۇنىڭ خانىمى رى سولجۇ مۇزىكا كېچىلىكىنى كۆرگەن . خۋاڭ پيۇڭسۇ ، كىم كىنام ، پاك بوڭجۇ قاتارلىق چاۋشيەننىڭ پارتىيە ۋە ئارمىيە رەھبەرلىرى ، ھەربىي ئەترەت ۋە ئىجتىمائىي سەنئەت تەشكىلاتلىرىنىڭ كادىرلىرى ، ئىجادىيەتچىلەر ، سەنئەتكارلار مۇزىكا كېچىلىكىنى كۆرگەن .