باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ مائاشىغا قانداق چەك قويىدۇ؟

2014.09.05 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ مائاشى يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئۇزۇندىن بۇيان، بۇ مەسىلە جۇڭگودىلا ئەمەس، ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىمۇ جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ مائاشىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇش كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر قانۇن ئارقىلىق چەك قويۇپلا قالماستىن، يەنە ئوچۇق بولۇش، ئاشكارا بولۇش ئارقىلىق چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ھەرىكەتلەرنى نازارەت قىلىدۇ. فىلاندىيەدە ھۆكۈمەت «چەكنى» بېكىتىدۇ.

  شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەت فىلاندىيەدە ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشقان ئاساستا، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ مائاشىنى ئامالنىڭ بارىچە قېلىپلاشتۇرىدۇ، ئەڭ ئاساسلىق بىر تەدبىر شۇكى-كابىنت ئىقتىسادىي سىياسەت كومىتېتى يېتەكچى پىرىنسىپنى چىقىرىدۇ.

  2012-يىلى ئاۋغۇستتا چىقىرىلغان ئەڭ يېڭى يېتەكچى پىرىنسىپقا ئاساسەن، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ مائاشى ئاساسلىقى بەش قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ئاساسىي مائاش، تولۇقلىما ياردەم پۇل، پايدا ھەققى، ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتىرىدىكى پايدا تەقسىماتى ۋە قوشۇمچە پېنسىيە پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يادرولۇق قىسىم ئاساسىي مائاشتىن ئىبارەت.

  يېتەكچى پىرىنسىپتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئاساسىي مائاش دۆلەت ئىلكىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي مائاش ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، باشقا بىر نەچچە قىسىم مائاش ئاساسىي مائاشنى ئاساس قىلغان نىسبەت بويىچە تارقىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە پايدا ھەققى ئاساسى مائاشنىڭ %40 تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتىرىدىكى پايدا تەقسىماتى ئاساسىي مائاشنىڭ %110 تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئومۇمىي كىرىم ئاساسى مائاشنىڭ %240 تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بۇ قوشۇمچە پېنسىيە پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

  مۇشۇنداق بولغاندا، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ مائاش سەۋىيىسى ئاساسەن بازار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ ھەتتا بازار ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولىدۇ. بەزى مۈتلەق مونوپۇل ئورۇنغا ئىگە شىركەتلەر مەسىلەن تەبئىي گاز تىجارەت سودىگىرى گاسۇم ۋە دۆلەتلىك تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىنىڭ كىرىمى بازارنىڭ ئوتتورىچە سەۋىيەسىدىن %23 ۋە %43 تۆۋەن.

  فىلاندىيەدە مەملىكەت بويىچە 5 مىليون 500 مىڭ نوپۇس بولۇپ، خەلقى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تەربىيە ئالغان. بۇ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان دۆلەتتە بىر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزسە خۇددى يۈزىگە تامغا بېشىپ قويغاندەك يوشۇرغىلى بولمايدۇ.

  2009-يىلىنىڭ باشلىرىدا فىلاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت «خېرشىنكو خەۋەرلىرى» دە بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، فىلاندىيە دۆلەتلىك ئېنرگىيە ماگىناتى فورتوم شىركىتىنىڭ شۇ چاغدىكى لېدىرىنىڭ پايدا تەقسىماتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ كەتكەن؛ ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى بويىچە، ئۇنىڭ پايدا تەقسىماتى 900 مىڭ ياۋرودىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، شىركەت مۇدىرىيىتى ئۇنىڭغا 2 مىليون 200 مىڭ ياۋرو تارقاتقان.

  بۇ ۋەقە پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە مۇنازىرە قوزغىدى، زور جەمئىيەت بېسىمى ئاستىدا، فورتوم شىركىتىنىڭ مۇدىرى پېتىر فاگەرنېس قايتا ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى، شىركەتنىڭ لېدىرىمۇ شۇ يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستىبا بەردى.

  گېرمانىيە: كىرىم مەيلى كۆپ ياكى ئاز بولسۇن ئاشكارلاش كېرەك

  بۇ يىل 3-ئايدا گىرمانىيە جىنبائۇم مەسلىھەت بېرىش شىركىتى 1055 گىرمانىيە دۆلەت كارخانىسىدىكى 2266 ئەمەلدارنىڭ كىرىم ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بايقىدى: گېرمانىيەدىكى دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كىرىمى شەخسى كارخانىلاردىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭكىدىن يۇقىرى. %21 گېرمانىيە دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ مائاشى ئاز دېگەندە 100مىڭ ياۋرو، %62گېرمانىيە دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كىرىمى 100مىڭدىن 300مىڭ ياۋروغىچە. پەقەت %17 گېرمانىيە دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئەمەلدارلار ھەر يىلى 300مىڭ ياۋرودىن كۆپرەك پۇل تاپالايدۇ، يىللىق كىرىمى 500مىڭ ياۋرودىن يۇقىرى دۆلەت كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچىلار پەقەت %5نى ئىگىلەيدۇ.

  تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەدىكى خۇسۇسىي كارخانىلاردىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى- دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن. گېرمانىيە دۆلەت كارخانىسى سىپىرىڭكىنخوف ئۆي مۈلۈك ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى تاراتقۇلارغا ئاغرىنىپ: بىزنىڭ ئىش ھەققىمىز 110مىڭ ياۋرو، ئۇدا ئالتە يىل مائاشىمىز ئۆسمىدى، دېدى.

  گىېرمانىيەدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ پارلامنتلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەۋەلىكىدىكى كارخانىلاردىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئىش ھەققى تالونىنى ئاشكارلاشنى تەلەپ قىلدى. 2007-يىلى بىرلىن ئۆلكىلىك پارلامنت ئالدى بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ كىرىمىنى ئاشكارلىغانىدى. 2009-يىلنىڭ ئاخىرغىچە مىيۇنجىن ۋە مىرمىن بۇنىڭغا قېتىلدى. 2012-يىلنىڭ بېشىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىزچىل بۇنىڭغا قارىتا مۇتەئەسسىپ بولۇپ كىلىۋاتقان خامبۇرگ شەھىرىمۇ دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانىلارنى يېڭى باشقۇرۇش نىزامى بويىچە باشقۇرۇشنى باشلىدى. يېڭى نىزامدا مۇنۇلار بەلگىلەنگەنىدى: دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئەمەلدارلار يىللىق خۇلاسە قۇشۇمچە ھۆججىتىدە نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىرىم ۋە نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىرىمنى ئاشكارلىشى كېرەك. 2013-يىلى خامبۇرگ شەھىرى تۇنجى قېتىم دۆلەت كارخانىسىدىكى 50 ئەمەلدارنىڭ مۇقىم كىرىمىنى ئاشكارلىدى. گېرمانىيە «دۇنيا گېزىتى»دە بۇ ۋەقە گېرمانىيەنىڭ ئاخىرىقى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارلىنىشى دېيىلدى.

  پورتىگالىيە: زۇڭلىنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچەملىك

  پورتىگالىيە ھۆكۈمىتى 2012-يىلى 1-ئايدا دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى ئېنىق بەلگىلىدى. دۆلەت كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشى مۇقىم كىرىم ۋە تۇراقسىز مائاشتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ مۇقىم كىرىمى زۇڭلىنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمى ئاساسىدا بېكىتىلگەن. ئەمما زۇڭلىنىڭ ھەر ئايلىق مۇقىم مائاشىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. پورتىگالىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان مەلۇماتقا قارىغاندا، پورتىگالىيە زۇڭلىسىنىڭ ھەر ئايلىق مۇقىم كىرىمى تەخمىنەن 7مىڭ ياۋروكەن.

  پورتىگالىيە ھۆكۈمىتى 150دىن ئارتۇق دۆلەت كارخانىسىنى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە ئىجىتمائىي تەرەققىياتقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى بويىچە ئا، ب، س دەپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىغان ھەمدە مۇشۇ دەرىجە بويىچە دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ مۇقىم مائاشىنى بېكىتكەن. پورتىگالىيە دۆلەت مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەت زاپاس ساقلاش بانكىسى، دۆلەتلىك تېلېۋېزىيە ئىستانسسى، تۆمۈر يول شىركىتى ۋە تۇرۇبا سۇيى شىركىتى قاتارلىقلار ئا دەرىجىلىك كارخانىلار بولۇپ، ئەمەلدارلارنىڭ مۇقىم ئىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا زۇڭلىنىڭكى بىلەن ئوخشاشكەن، پورتىگالىيە ئاۋىئاتسىيەسى ب دەرىجىلىك كارخانا بولۇپ، ئەمەلدارلارنىڭ ھەر ئايلىق مۇقىم ئىش ھەققى زۇڭلىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ %85تىدىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

  پورتىگالىيە دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئەمەلدارلار كارخانا ئۈنۈمىگە ئاساسەن تۇراقسىز مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ، ئەمما مۇكاپات سوممىسى شۇ يىلى شەخس كىرىمىنىڭ %50تىن ئېشپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  رۇمىنىيەدە 760 تىن كۆپرەك دۆلەت كارخانىسى بار، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە قوشىۋاتقان تۆھپىسى تەخمىنەن %11 ئەتراپىدا. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشچە، رۇمىنىيەدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچى ئاجىز، ئۈنۈمى تۆۋەن ئىكەن، ھەتتا نۇرغۇن دۆلەت كارخانلىرى زىيان تارتىۋاتقىنىغا ئۇزاق يىللار بوپتۇ، لېكىن ئۇ يەردىكى خادىملارنىڭ كىرىمى خۇسۇسىي كارخانىدىكى خادىملارنىڭ كىرىمىدىن يۇقىرى ئىكەن.

  بىر قىسىم چوڭ دۆلەت كارخانلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يىلدا 200 نەچچە مىڭ ياۋرو ئالىدىكەن، بۇ دۆلەت ئىشچى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ 370 ھەسىسسىگە توغرا كېلىدىكەن. شۇڭا رۇمىنىيە زۇڭلىسى پونتا مەسخىرە قىلىپ، بىر قىسىم دۆلەت كارخانلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئالغان مائاشنى كۆرۈپ ئۆزۈمگە «نېمدەپ جاپا تارتىپ ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولسەن؟» دەپ سوئال قويدۇم دېگەن.

  رۇمىنىيە ھۆكۈمىتىمۇ دۆلەت كارخانلىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مائاش يۇقىرى، ئۈنۈمى تۆۋەن قاتارلىق بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەۋاتىدۇ، 2012-يىلى دۆلەت كارخانىلىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مائاشىنى تىزگىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسى توغرسىدا مۇزاكىرە قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بەلگىلىمە دەل ئارتۇق باج يىغىش. يەنى ئايلىق مائاشى ياكى پىنسىيە مائاشى 4500 رۇمىنىيە لېئۇسىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمىدىن يەنە %16 باج ئېلىش. بىراق بۇ لاھيىە ھازىرغىچە ئەمەليلەشمىدى.

  2013-يىلى 5-ئايدا، شۇ ۋاقىتتىكى رۇمىنىيەنىڭ خامچوت مىنىستىرى لىۋىئو ۋويىنا دۆلەت كارخانلىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مائاشىنى چەكلەش تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى بىرىنچى قول باشلىقنىڭ مۇقىم مائاشىنىڭ شۇ كەسىپتىكى ئوتتۇرىچە ئاماشنىڭ 5 ھەسسىسدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى، لەيلىمە مائاشىنىڭ كەسىپ ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى بىلەن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر