باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىننىڭ «يەتتە تۈرلۈك پىلانى»نىڭ ئۈنۈمى بولامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى 5-سېنتەبىر موسكۋا ۋاقتى سائەت 15 تە ئاشكارىلىنىدۇ

2014.09.05 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: موسكۋا ۋاقتى 3-سېنتەبىر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان «يەتتە تۈرلۈك پىلان» (تىنچلىق پىلانى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نى تۈزۈپ چىقتى.

  

  پۇتىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىككى تەرەپ دونېچىك ۋە لۇگانسكقا بولغان ھۇجۇمنى توختىتىش؛ ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرى ئاھالىلەر ئولتۇراق نۇقتىسىدىن ئوق مۇساپىسى يىراقلىققا چېكىنىش؛ توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئاھالىلەر ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق نۇقتىلىرىغا كۈرەشچى ئايروپىلان ئىشلەتمەسلىك؛ ئىككى تەرەپ قولىدىكى ئەسىرلەرنى تولۇقى بىلەن ئالماشتۇرۇش؛ دونباسقا ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئېچىپ بېرىش؛ رېمونت ئەترىتى ئەۋەتىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىش؛ خەلقئارا نازارەتچىلىك ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش مېخانىزمىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش.

  بۇ پىلان ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا خەلقئارادا زور غولغۇلا قوزغىدى. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئوتتۇرىغا قويغان «يەتتە تۈرلۈك پىلان»غا نىسبەتەن ھەرخىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت، ھەركىم ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر