- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكا بىلەن ئىران جەنۋەدە ئىككى تەرەپلىك كېڭىشىدۇ
2014.09.05 15:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 3-سىنتەبىر: ئامېرىكا ۋە ئىران ئەمەلدارلىرى 4-، 5-سىنتەبىر شىۋىتسىيارىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا ئىككى تەرەپلىك كېڭىشىدۇ، دەپ جاكارلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ: ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە دائىمىي مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋىليام بوئىنس باشچىلىق قىلىدۇ، دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئىككى تەرەپلىك كېڭىشى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيەدىن ئىبارەت ئالتە تەرەپ بىلەن ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى رامكىسى ئىچىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالدىنقى قېتىملىق ئىككى تەرەپلىك كېڭىشىشى بۇ يىل 8-ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر