باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2014.09.05 16:04         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى 2 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ يىغىننى دۆلەت سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تاشقى سودا تەرەققىيات ئىدارىسى، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە، شۇنداقلا فىرانسىيە سودا – سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تاشقى سودا تەرەققىيات ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگو – چەت ئەل كارخانىچىلىرىدىن بولۇپ 100 ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، ئەنگلىيە – جۇڭگو سودىگەرلەر جەمئىيىتى، ئەنگلىيە سانائەت بىرلەشمىسى، ئىتالىيە تاشقى سودا كومىتېتى، ئاۋسترىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، گېرمانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ سودا ئىشلىرى باشقارمىسى، ۋېنگىرىيە سودا – سانائەت بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، سىياسىتى، بازار ھەمكارلىق پۇرسىتى ۋە ئەۋزەل كەسىپلىرىنى تونۇشتۇردى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار بىلەن كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، كەلگۈسى سودا پۇرسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىرلەشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر