باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ھىندىستانلىق مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2014.09.05 16:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2 – سېنتەبىر ھىندىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى راۋىندا سىنگ بىلەن كۆرۈشتى.

  ئەركىن تۇنىياز راۋىندا سىنگنىڭ ئۆمەك باشلاپ 4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانلىقىغا، ھىندىستاننىڭ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم رايون، تۆت چوڭ مەدەنىيەت شىنجاڭدا سىڭىشىپ، دۇنيادا ئەڭ شانلىق مەدەنىيەت بولۇپ شەكىللەنگەن، مەركەز شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە تېخىمۇ كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى.

  ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرىلىتىشنى، بولۇپمۇ ساياھەت، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  راۋىندا سىنگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ھىندىستان – جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمۇ تېز بولۇۋاتىدۇ، بىز جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر