باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

3–نۆۋەتلىك ئاسىيا–ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم–كېچەك بايرىمى داغدۇغىلىق باشلاندى

2014.09.05 16:02         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹رەڭدار مىللەتلەر، رەڭدار مودا كىيىملەر، گۈزەل، رەڭدار مىللىي كىيىم – كېچەكلەرنى دۇنياغا يۈزلەندۈرەيلى›› باش تېمىسىدىكى 3 – نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم – كېچەك بايرىمى 2 – سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق باشلاندى.

  2012 – يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا يىپەك يولى كىيىم – كېچەك بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، كىيىم – كېچەك بايرىمى شىنجاڭ كىيىم – كېچەك كەسپىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى. بۇ يىلقى كىيىم – كېچەك بايرىمىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ بايرام جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى بىلەن تەڭلا باشلانغاچقا، كىيىم – كېچەك بايرىمىنىڭ تەسىر دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى.

  كىيىم – كېچەك بايرىمى مەزگىلىدە، جۇڭگو كىيىم – كېچەك يىغىنى ۋە شىنجاڭ كىيىم – كېچەك كەسپىي تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىق مۇنبىرى، 2014 – يىللىق چېۋەر ئاياللار ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ۋە مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ توقۇلما كىيىم – كېچەك كەسپىي كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىق مۇنبىرى، مۇكاپاتلاش مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك بايرامنىڭ ‹‹ئاسىيا ياۋروپا كىيىم – كېچەك ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە فىرانسىيە، گوللاندىيە، رۇسىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن داڭلىق كىيىم – كېچەك لايىھەلىگۈچىلىرى تەكلىپ قىلىندى.

  ئۇقۇشۇمچە، كىيىم – كېچەك بايرىمى مەزگىلىدە، مودا كىيىم – كېچەكلەرنى كۆرسىتىش پائالىيىتىدىن 19 مەيدان ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، سەككىز مەيداندا چەت ئەللىك لايىھەلىگۈچىلەر لايىھەلىگەن ئەڭ يېڭى مودا كىيىم – كېچەكلەر بايرام ئەھلىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدىكەن. بۇ يىلقى كىيىم – كېچەك بايرىمىنىڭ كۆلىمى ۋە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىلقىغا قارىغاندا ئېشىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر