ئۈچ ياشلىق ئۇيغۇر قىزى رۇفىيە تۇنجى قېتىم مۇنداق چوڭ پاراخوت مودېلىنى كۆرۈپ ھاياجانلاندى
4–نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسى ‹‹ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى ›› نىڭ ‹‹ دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى ›› 3–سېنتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلدى . بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ، 1996–يىلى جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدىن بايقالغان ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چۆكۈپ كەتكەن ‹‹ خۇاگۇاڭ جىياۋ — I نومۇر ›› ناملىق پاراخوتتىن سۈزۈۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاساسىي تېما قىلىپ ، جۇڭگو سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشىدە بايقالغان ئېسىل مەدەنىي يادىكارلىقلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى ‹‹ مەنزىرىسى ››نى قايتا نامايان قىلدى .