گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 3-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا ‹‹مەيدانى يېقىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر›› كىلىمات ئۆزگىرىشى سۆھبىتى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن قىسمەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 3-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ‹‹ خەلق ›› سارىيىدا ‹‹ مەيدانى يېقىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ›› كىلىمات ئۆزگىرىشى سۆھبىتى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن قىسمەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.
جاڭ گاۋلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ‹‹ مەيدانى يېقىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ›› بولسا كىلىمات ئۆزگىرىشى خەلقئارا سۆھبىتىدە ئاكتىپ نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى . مەن چۈشىنىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يەرشارىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى سۆزلەش ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت قوش مەنپەئەت كېلىدىغان سىجىل تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ . ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قوللاشنى ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ .