باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2014.09.05 16:01         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى پەن – تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇنبىرى 2 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سانجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ‹‹ئورتاق تەتقىق قىلىش، ئورتاق يارىتىش، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش›› تېمىسىدىكى بۇ مۇنبەرنى دۆلەت پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى مۇنبەر ئۆتكۈزۈشنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالغان.

  قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، ھىندىستان، باڭلادېش، مالايسىيا، ئانگولا قاتارلىق 28 دۆلەت پەن – تېخنىكا تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  كونگو، سىرى لانكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، مۇئاۋىن مىنىستىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقىدىكى قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ ئېلېكتىر – ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ لىدىر، مۇئاۋىن لىدىرلىرى، بىر قىسىم قوشنا دۆلەتلەرنىڭ پەن تەتقىقات ئورگانلىرى، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە پەن – تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنبەرگە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئېلېكتىر – ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە ئېچىش، ئېلېكتىر مەنبەلىك تور قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ياخشى تەجرىبىلىرى، ئىجادىي نەتىجىلىرىگە قارىتا ئورتاق تونۇشقا كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر