باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر قايسى دۆلەت شائىرلىرى جۇڭخۇا ئەسىر مۇنبىرىگە جەم بولدى

2014.09.09 10:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-نۆۋەتلىك بېيجىڭ «شائىرانىلىك جۇڭگو- جۇڭخۇا ئەسىر مۇنبىرى تاۋۇز چاغىنى خەلقئارا ئەسلى ئىجادىيەت مۇشائىرىسى» 7-سېنتەبىر كەچتە جۇڭخۇا ئەسىر مۇنبىرى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. شىۋېتسىيە، ئىتالىيە، ھىندىستان، بېرما، ئامېرىكا، مىسىر، ئىسپانىيە ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن داڭلىق شائىرلار مۇشائىرىگە قاتناشتى. ئۇلار ئەسىر مۇنبىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، «بىر دۇنيا، بىر ئاي» دېگەن ئاساسىي تېمىدا ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرگە تاۋۇز چاغىنىنى ئۆتكۈزدى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇشائىرىدە «بىر دۇنيا، بىر ئاي» ئاساسىي تېما قىلىندى ھەمدە نۇرغۇن داڭلىق شائىرلار تەكلىپ قىلىندى. شىۋېتسىيەدىن كەلگەن ئەسپۇماك-شىۋېتسىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكادېمىكى، 1987-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان، ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىرلىرى بار، ئۇنىڭ ھېكايىسى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنىپ دۆلەت ئىچىدە نەشىر قىلىنغان. ئۇ شېئىر تەرجىمە روھىنىڭ ئىپادىلىنىشى، ئوبرازلىق تىلنىڭ روھنى يارىتىشى، ئىشىنىمەنكى شېئىر مۇستەقىل ئىجادىيەت، شۇنداقلا دۇنيا ئۆزگەرتىدىغان قورال،دېدى. ئۇندىن باشقا بۇ قېتىمقى مۇشائىرىدە يەنە نىيۇيوركتا ئولتۇرىدىغان شائىر، پېشقەدەم مۇھاجىر پېڭ چۈەنگونىڭ ئاي توغرىسىدىكى شېئىرى تاللاندى، ئۇنىڭ شېئىرىدىن ھەرقايسى جايلاردىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ تاۋۇز چاغىنى مەنزىرىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر