شىنخۇا تورى، مىنىسكى، 5-سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ( ئۇكرائىنا ، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، رۇسىيە ) بىلەن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئىچى قوراللىقلىرى ۋەكىللىرى 5-سېنتەبىر بېلورۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شۇ يەر ۋاقتى 5 -سېنتەبىر سائەت 18:00 ( بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:00 ) دىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىش باياناتنامىسىگە ئىمزا قويدى .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ باياناتنامە جەمئىي 10 نەچچە مۇھىم نۇقتىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، مەزمۇنى ئۇرۇش توختىتىش ، ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش ، ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن . لېكىن نۆۋەتتە بۇ باياناتنامىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تېخى ئېلان قىلىنمىغان .
بۇ ئۇكرائىنا مەسلىسىدىكى ئۇچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەلئىچى قوراللىقلىرى بىلەن مىنىسكىدا ئۆتكۈزگەن 3- قېتىملىق سۆھبىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، 26-ئاۋغۇست مىنىسكىدا رۇسىيە ، بېلورۇسىيە ، قازاقىستان ئۈچ دۆلەت تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ، ۋە ئۇكرائىنا ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ، بۇ مەزگىلدە، رۇسىيە ، ئۇكرائىنا ئىككى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى تۇنجى قېتىم ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئۇكرائىنانىڭ توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان.