باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراققا تۇنجى قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، توغاننى تەھدىتتىن ساقلاپ قالدى

2014.09.09 10:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىنگاپوردا چىقىدىغان بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ 8-سىنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى كېڭەيتىپ، تۇنجى قېتىم ئىراقنىڭ غەربىي قىسىمىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، خادىسا توغىنىنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ تەھدىتىدىن ساقلاپ قالغان.

  خادىسا توغىنى ئەنبار ئۆلكىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىراقنىڭ 2-چوڭ توغىنى. قۇراللىق ئۇنسۇرلار ئىزچىل تۈردە ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە باشقا ئىتتىپاقداش سۈنئىي مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قولىدىن بۇ توغاننى كونتىرول قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالماقچى بولۇپ كەلگەن.

  ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قوماندانلىق شىتابى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئارمىيە تەرەپ 6-سىنتەبىر ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ۋە بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى چىقىرىپ، خادىسا توغىنىغا يېقىن رايونلاردا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتلارغا ھاۋادىن زەربە بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر