2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ توقسۇن لەڭمەن مەدەنىيىتى بايرىمى 4-سېنتەبىر توقسۇندا ئۆتكۈزۈلدى . شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سەككىز ئەترەت ‹‹ شىنجاڭ لەڭمەن شاھى ›› لىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى ، مۇسابىقە ئاخىرىدا توقسۇن مۇسا لەغمەنخانىسى ‹‹ لەڭمەن شاھى ›› شەرىپىگە ئېرىشتى . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ، توقسۇن مۇسا لەغمەنخانىسىنىڭ 3– قېتىم ‹‹ لەڭمەن شاھى ›› شەرىپىگە ئىرىشىشى ئىكەن .