باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، ئۈچتىن بىر قىسىم مەمۇرىي تەستىق تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى

مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

2014.09.09 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، سودا ۋە ئاممىۋى خاراكتېرلىك تەنتەربىيە مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ تەستىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇسابىقە تۈرلىرىنى ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقى چەكلىمىسىنى بوشىتىپ، كارخانىلارغا ئەڭ زور دەرىجىدە «كەڭچىلىك قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەرگەنلىكىنىڭ بىر كارتىنىسى ھېسابلىنىدۇ.

  بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، گوۋۇيۈەن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، 7 تۈركۈمدە جەمئىي 632 تۈرلۈك مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بەردى، بۇ ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكى ئومۇمىي مەمۇرىي تەستىق تۈرىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە ئالاقىدار بىر قاتار تەدبىرلەر ئۈزلۈكسىز كۈچىنى كۆرسىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

  ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشتە «كەڭچىلىك قىلىش»نى نىشان قىلىش كېرەك

  كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان سودا-سانائەتچىلەرنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا، بازار ئىجازىتىنىڭ شەرتى بوشىتىلىپ، «ئاۋۋال ئىجازەت بېرىپ، ئاندىن كىنىشكا بېجىرىش» تۈزۈمى «ئاۋۋال كىنىشكا بېجىرىپ، ئاندىن ئىجازەت بېرىش»كە ئۆزگەرتىلدى، تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالنى ئەمەلىي تاپشۇرۇپ تىزىملاش تۈزۈمى ۋەدە قىلىپ تىزىملاش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلدى، ئالدىن تەستىقلىتىش زۆرۈر بولغان 126 سودا-سانائەت تۈرى كېيىن تەستىقلاشقا ئۆزگەرتىلدى، كارخانىلارنى يىللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىمۇ يىللىق دوكلات ئارقىلىق ئاشكارىلاش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلدى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاغىنىسى بىلەن بىللە ئىگىلىك تىكلەپ، بىر تاراتقۇ شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى دى دى مۇنداق دېدى: «بۇرۇنقى ئەمەلىي تاپشۇرۇپ تىزىملاش تۈزۈمىگە ئاساسلانغاندا، بىز ئاۋۋال ھېساب ئېچىپ، سالاھىيەت تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. ھازىر بۇ باسقۇچ قىسقارتىلدى».

  مەمۇرىي تەستىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، سودا-سانائەتنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش، كارخانا ۋە ئاھالىلەرگە زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىچىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، يېڭىدىن تىزىملانغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى 5 مىليون 935 مىڭ 500 غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، %16.71 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن تىزىملانغان خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانا %60.17 كۆپەيدى؛ يەككە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار زور نىسبەتتە كۆپىيىپ، 2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 13 مىليون ئادەم ئېشىپ، ئوخشاش ئايدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 3 ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر