باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

7 يىل ئىچىدە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 26 كادىرغا جىنايى جازا بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر ئادەملا پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىلمايدۇ

2014.09.10 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 2-ئايدىن 8-ئايغىچە، ئېنېرگىيە چوڭ ئۆلكىسى سەنشىدە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك 7 ئەمەلدار ئارقا-ئارقىدىن موللاق ئاتتى. بۇ ئەمەلدارلارنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا نىسبەتەن، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تەرەپتىن رەسمىي مەلۇمات بولمىسىمۇ، لېكىن تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، سەنشىدىكى ئەمە سورۇنىدىكى «يەر تەۋرەش»تە، ئەمەلدار ۋە سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ناتوغرا مۇناسىۋەت ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئامىل ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئەھۋال سەنشى ئۆلكىسىدىلا ئەمەس بەلكى باشقا رايون تارماقلاردىمۇ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن.

  جىڭخۇا گېزىتى مۇخبىرىنىڭ 7 يىل ئىچىدە موللاق ئاتقان ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 75 ئەمەلدارغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتتىن ئېنىقلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىل بىرىكتۈرۈش، پارا بېرىش قىلمىشى ناھايىتى زور نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن. ھۆكۈم ئېلان قىلغان ياكى ئەدلىيە تەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن 48 ئەمەلدارنىڭ پەقەت بىرىلا پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىلمايدىكەن. بانكا قەرزى، قۇرۇلۇش كەسپىنى ھۆددىگە ئېلىش، تۈر تەستىقلاش، يەر ئىشلىتىش پىلانى قاتارلىقلار دېلو كۆپ يۈز بېرىدىغان ساھەلەر ئىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر