باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە شوتلاندىيەنىڭ ئايرىلىپ چىقىشىنى خالىمايدۇ

2014.09.12 10:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسلى تۈنۈگۈن ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون ۋە باشقا پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى پارلامېنتا مۇنازىرەلىشىدىغان كۈن ئىدى، لېكىن ئۈچ چوڭ پارتىيەنىڭ رەھبەلىرى يەنى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى كامېرون، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مىلىباند ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كېلېگ پارلامنېت بىناسىدىن ئايرىلىپ شوتلاندىيەنىڭ مەركىزى ئېدىنبۇرگقا كەلدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكى توغرىسىدا ۋائىزلىق قىلىپ، كىشلەرنىڭ ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋاز قويۇشتا شوتلاندىيەنىڭ ئايرىلىپ چىكەتمەسلىكىنى تاللىشىنى مۇراجىئەت قىلىش.

  ئەنگلىيەدىكى ئۈچ چوڭ پارتىيەنىڭ رەھبەلىرى بىرلەشمە بايانات ئىمزالىغاندا تەكىتلەپ، ئارىمىزدا نۇرغۇن ئىختىلاپ بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ بىر ئىشتىكى قارىشىمىز ئوخشاش، يەنى بىرلەشمە خانلىق چوقۇم بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلىشى كېرەك، كۆپچىلىك بىللە تۇرسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، دېدى.

  دۇنيا بازىرى تەتقىقاتىخانىسى شوتلاندىيە شۆبىسى 9-سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، مۇستەقىل بولۇشقا قارشى تۇرىدىغانلار %45تىن %39كە چۈشۈپ قالغان، مۇستەقىل بولۇشنى قوللايدىغانلار بولسا ئىلگىرىكى %32تىن %38كە كۆپەيگەن. ئىككى كۈن ئىلگىرى ئەنگلىيە يۇگوف تەكشۈرۈش شىركىتى ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، مۇسەقىللىق لاگىرىدىكىلەرنىڭ سانى تۇنجى قېتىم مۇستەقىللىقا قارشى تۇرىدىغانلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن.

  ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى شوتلاندىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بېرىش توغرسىىدا ۋەدە بەردى، بۇ باج كىرىمى ۋە ئىجتىمائىي پارانلىق چىقمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شوتلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ۋەزىرى سامورت بۇنىڭغا قەتئىي قىزىقمىدى. ئۇ: مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەكلىپلىرى بۇرۇنقى كونا تەكلىپلەرنى قايتا ئوروپلا ئوتتۇرىغا قويغانلىق، ئۇلار شوتلاندىيەگە ماھىيەتلىك يېڭى تەكلىپلەرنى بەرمىدى، دېدى. ئۇ يەنە ئۈچ چوڭ پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئەل رايىنى قەتئىي ئۆزگەرتەلمەيدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  بۇ مەزگىلدە بىر قىسىم تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: ئەگەر شوتلاندىيە ئايرىلىپ چىقسا، ئەنگلىيە %32 زېمىندىن ئايرىلىپ قالىدۇ، %8 نوپۇسى ئازلايدۇ، شوتلاندىيەنىڭ ھەر يىلى 10 مىليارد فونىستېرلىڭلىق ساياھەتچىلىكىدىن، 4 مىليادر فونىستېرلىڭدىن كۆپرەك ۋىسكى كەسپىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەگەر شوتلانىدىيە مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىپ چىقسا، ھازىرقى بېلىقچىلىق سىزىقى دۆلەت چېگراسى قىلىنسا، ئۇلار شىمالىي دېڭىز نېفىت گازلىقىدىكى %95 نېفىنتلىك ۋە %60 گازلىققا ئېرىشىدۇ. بۇندىن باشقا شوتلاندىيە ياۋروپانىڭ 4\1 قىسىم شامال ئېلېكتىرى ۋە تاشقىن ئېلېكتىرىنى تەمىنلەيدۇ، ئەمدى بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەنگلىيەگە تەۋە بولمايدۇ.

  شوتلاندىيە مۇستەقىل بولسا ئۇلار يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بىرىنچىدىن، شوتلاندىيە مۇستەقىل بولسا قايسى پۇلنى ئىشلىتىدۇ، بۇ تېخى نامەلۇم. مەركىزىي ھۆكۈت شوتلانىيەنىڭ داۋاملىق فونىستېرلىڭ ئىشلىتىشىنى رەت قىلدى، شوتلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ۋەزىرى سامورت بولسا، ئەنگلىيە قوشۇلمىسىمۇ بىز داۋاملىق فونىستېرلىڭ ئىشلىتىمىز دېدى. ھازىر فونىستېرلىڭ بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرىۋوت نىسبىتى 10 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى، ئەگەر شوتلاندىيە مۇستەقىل بولسا فونىستېرلىڭ %15 پاخاللىشىپ كېتىدۇ، بۇ ئەنگلىيە ئىقتىسادىغا زور زەربە بولىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئالماشتۇرۇشى خەۋپكە ئۇچرايدۇ. ئەنگلىيە باركلاي بانكىسى لوندون نوتىنتون رايونى شۆبە باكىسىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى ۋىليام مۇنداق دېدى: شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىل پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەس، چۈنكى پۇل مۇئامىلە كەسپىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەرنى قايتىدىن باشلاپ ئىنتايىن قىيىن ۋەزىپە.

  ئۈچىنچىدىن قەرز مەسىلىسى يەنە بىر خەۋپ ھېسابلىنىدۇ. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، شوتلاندىيە مۇستەقىل بولسا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە 130 مىليارد فونىستېرلىڭ قەرز بولىدىكەن، بۇ ئەنگلىيە ئاممىۋى قەرزىنىڭ %10تىنى ئىگەللەيدىكەن. ئەنگلىيە: ئەگەر شوتلاندىيە مۇستەقىل بولسا چوقۇم قەرزىنى قايتۇرۇشى كېرەك، لېكىن ئۇلارنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى بىز بىلمەيمىز، دېدى.

  تۆتىنچىدىن، بايلىق ماجراسى ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش شىركىتى ئەنگلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ %90 نېفىتى شوتلانىدىيەدىن كېلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا بۇ بايلىقلارنى قانداق تەقسىملەش كېرەك؟

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر