باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گورۇپپىسى ئاجىزلارنىڭ بېشىنى سىيلىدى

2014.09.11 13:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى: قەشقەر شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىدىن شەھەرنىڭ ئاۋات يېزا ياربېشى كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گورۇپپىسى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. بۇ يېزىنىڭ ياربېشى كەنتى 8- مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق 20 ياشلىق دېھقان چىمەنگۈل تۇرسۇن ئۈچ يېشىدا ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ ھاممىسى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىدى، چىمەنگۈل ئېغىر دەرىجىدە سۆڭەك تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا، 15 ياشقا كىرگەن يىلى ئوڭ پۇتى كېسىۋېتىلدى. چىمەنگۈل بۇنىڭلىق بىلەن روھىنى چۈشۈرمەي، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىپ ناھايىتى ئۈمىدۋار ياشىدى، 2012- يىلى ئۇ توي قىلىپ بىر قىز پەرزەنتلىك بولدى، لېكىن ئۇنىڭ كېسىلى بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىن ئۆزى چىقالماس بولۇپ قالدى، ئېرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى، چىمەنگۈل نائىلاج ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە يەنە قايتىپ كەلدى. شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گورۇپپىسى ئائىلە زىيارىتى داۋامىدا چىمەنگۈلنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپتى ھەمدە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشنى ئويلاشتى. خىزمەت گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى چىن جۈنيەن مۇنداق دېدى: چىمەنگۈلنىڭ قىسمەتلىرىدىن كۆڭلىمىز يېرىم بولدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بىرىشنى ئويلىدۇق ھەمدە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى يېزىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گورۇپپىسى توپىغا يوللاپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەردىكىلەرنىڭ نەزەرىنى تارتتۇق. خىزمەت گورۇپپىسىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چىمەنگۈل تۇرسۇننى «بەشتە كاپالەتلىك» ئائىلىلەر قاتارىغا كىرگۈزدى ھەمدە بىر قىسىم داۋالاشتىن ھەقسىز بەھرىمەن قىلدى. ئاممىنىڭ چىمەنگۈلگە ياردەم قولىنى سۇنىشى نەتىجىسىدە ھازىرغا قەدەر 11 مىڭ 800 يۈەن ئىئانە پۇلى يىغىلدى. ھازىر چىمەنگۈلنىڭ دوختۇرخانا يۆتكىلىش رەسمىيىتى بىجىرلىۋاتقان بولۇپ، پات يېقىندا ئۇ ياخشى داۋالاش شارائىتىغا ئىگە بولىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر