باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى تەبرىكلىنىدۇ، پايتەختنىڭ تەييارلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2014.09.11 12:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پايتەخت دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 10-چېسلا بېيجىڭدا يىغىن ئېچىپ، مەركەز تەستىقلىغان پائالىيەت ئومۇمىي لايىھەسىنى يەتكۈزۈپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى بولۇپ، مەركەز پايتەخت ۋە جايلاردا تەنتەنىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە سەپەرۋەر قىلىشتا، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ئېلىمىزنىڭ گۈللەنگەن، دېموكراتىك، يۈكسەلگەن، مەدەنىي، ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر