باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ساتسىڭىز ئالىمەن،ئالسىڭىز ساتىمەن»

2014.09.11 13:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن

  ــــ قوغۇننىڭ تەمى، رەڭگى، چوڭلىقى مەن ئاڭلىغاندىنمۇ ياخشىكەن ئاداش، ــــ يېزىغا قاتنايدىغان بىر كىرا ماشىنىسىدا بىرىنىڭ خوتەن تەلەپپۇزىدا تېلېفوندا بىر دوستىغا قىلغان سۆزى دوستۇم بىلەن ئىككىمىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتتى،ــــ 2000 نى ئالىمەن، پۇلىنى نەخ بېرىمەن دېسەممۇ 21 كويدىن بەرمەيۋاتىدۇ. مالنىڭ سۈپىتى ھەقىقەتەن ئوبدان ئىكەن، شۇڭا يەنە بىرەر كوي چاپلىسام بىرىپ قالارمۇ دەپ ماڭالماي قالدىم. ئاتايىن كەپتىمەن، يەنە بىر قېتىم دېيىشىپ باقاي دەپ شۇ يەرگە ماڭدىم ئاداش!

  ئۇ كىشى مەكىت-قەشقەر تاشيولىنىڭ يوپۇرغا ناھىيە سىيەك يېزا كالتايلاق كەنتىدىكى يول بويىغا جايلاشقان بىر ئۆينىڭ ئالدىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدى....ھازىرقىدەك قوغۇن ۋاشاڭ مەزگىلدىمۇ 21 يۈەندىن ساتمىغان قوغۇنلارنى كۆرۈپ بېقىش ۋە شۇ قوغۇنچىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش نىيىتىدە، 9-ئاينىڭ 3-كۈنى بىز ئۇ ئائىلىگە زىيارەتكە باردۇق. ئىشىك ئالدىغا تاشيولغىچە تۇتاشتۇرۇپ شېغىل ياتقۇزۇلغان چوڭ بىر مەيدان ياسالغان، تۆمۈر دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە قوغۇن، چىلان قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى سۈرەتلىرىگە «ساتسىڭىز ئالىمەن، ئالسىڭىز ساتىمەن» دېگەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە خەت كىرىشتۈرۈپ ئىشلەنگەن ۋىۋىسكا ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ ئىدى، قارىماققا بۇ كەسپلەشكەن ئائىلە ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. بىز ھويلىغا كىرگەندە 40 لاردىن ھالقىغان، كالتە ساقال بىر كىشى ھويلىسىغا 20-30 مېتىر ئوزۇنلۇقتا كارىدور شەكللىك ياسالغان ئۈزۈم تېلى بارىڭىدىن بالىلىرىغا ئۈزۈم ئۈزۈپ بەرگەچ، تەڭتۈش بىر دوستى بىلەن قۇغۇن سودىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتقان ئىكەن.

  ــــ ئەسسالامۇ ئەلايكۇم!ــــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! قوغۇن كۆرۈپ باقايلى دەپ كەلگەنمۇ؟ــــ دېدى كالتە ساقال كىشى سالىمىمىزغا جاۋاب قايتۇرغاچ. ئۇنىڭ تۇرقىدىن بىز زىيارەت قىلماقچى بولغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.

  ــــ شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ، بىز مۇخبىرلىق قىلغىلى، سىلىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن،ــــ دېدىم جاۋابەن.ــــ نەزىرىڭلارغا ئىلىنغىنىمغا خۇشالمەن، قېنى مەرھەممەت!ھويلىنىڭ ئوڭ تەرەپ پىشايۋان ئاستى ۋە ئۈزۈم بارىڭى ئاستىغا تىزىۋېتىلگەن نۇرغۇنلىغان قارا كۆسەي، كۆك بەھرە قوغۇنلارنى كۆرۈپ: ــــ يېقىندا، خوتەن تەرەپتىن كەلگەن بىر سودىگەرگە 21 يۈەندىن ساتمىغان قوغۇنلار مۇشۇ شۇما؟ــــ دەپ سورىدۇق.ــــ توۋا، بۇ ئىشنى سىلەر قانداق بىلدىڭلار، ئو سودىگەرگە بەرمىگەن قوغۇنلار بۇ ئەمەس، ئۇ قوغۇنلار ئاۋۇ ھويلىدا! ئۇ بىز كىرگەن ھويلىنىڭ شىمال تەرىپىگە يانداش سېلىنغان يەنە بىر ئۆينىڭ ھويلىسىنى كۆرسەتتى.ــــ پاھ،پاھ! نېمە دېگەن ئوخشىغان، نېمە دېگەن كۆپ قوغۇنلار بۇ،ــــ دېدۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسى، ھويلىنىڭ پىشايۋان ئاستى ۋە 4-5 قوغۇن جازىسىغا ساينىڭ تېشىدەك زىچ، رەتلىك تىزىۋېتىلگەن، تەكىيسىمان چوڭايغان ئىچى كۆك قوغۇنلارنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىمىزنى باسالماي،ــــ ئۆزلىرى تېرىغانمۇ ياكى سېتىۋالغانمۇ؟ ــــ قوغۇن تېرىش،باشقۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبەم مول بولسىمۇ، يېرىم ئاز، شۇڭا ئۆزۈم تېرىيالمايمان،ھازىرقىدەك قوغۇن يىغىمى مەزگىلىدە دېھقانلارنىڭ قولىدىن سېتىۋالىمەن،ــــ دېدى ئۇ بىزنى پىشايۋاننىڭ يەنە بىر تەرىپىگە سېلىنغان كۆرپىگە تەكلىپ قىلغاچ،ــــ كۆردۈڭلار، ئەمدى يەپ تېتىپ بېقىڭلار، «يېمىگەنلەر بىلمەيدۇ، يېگەنلەر كېتەلمەيدۇ» دېگەندەك سىلەرمۇ ئېغىز تېگىپ كېتەلمەي قالامسىلەر تېخى،ــــ دېدى ئۇ قوغۇندىن بىرنى ئېلىپ تىلغاچ چاقچاق ئارىلاش. دەرۋەقە،بىز شۇنداق مېھماندوست، خۇشچاقچاق بىر كىشىنىڭ قولىدىن ھېلىلا ئۈزگەندەك چۈرۈك، زىيادە تەملىك قوغۇنغا ئىككى-ئۈچ تىلىمدىن ئېغىز تەگدۇق.زىيارەت داۋامىدا ئۇنىڭ يوپۇرغا ناھىيە سىيەك يېزا كالتايلاق كەنتىدىكى قوغۇن، چىلان قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىشنى ئاساس قىلغان كۆزگە كۆرۈنگەن دېھقان ۋاسىتىچى ئابلەھەد مۇھەممەد ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.ــــ مەن باققال ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. 1991-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يەنە ئۆرلەپ ئوقۇش پۈرسىتى بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانامنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ يۈردۈم. دېھقانچىلىقتىن قولۇم بوشىغان چاغلاردا دادامغا ئەگىشىپ بازارمۇ-بازار يۈرۈپ، ئاز-تولا سودا-تىجارەتنىڭ ئېپىنى ئۆگەندىم. بىر مەزگىلدىن كېيىن تۇرمۇشلۇق بولۇپ ئايرىم بىر ئۆينىڭ يۈكى زىممەمگە ئارتىلغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانامغا ئېغىرچىلىقىمنى سالماي تۇرمۇشۇمنى مۇستەقىل قامداشنى ئويلاپ، دادامنىڭ 200 يۈەن دەسمايە سېلىپ بىرىشى ۋە باققال بازىرىدا قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-چېۋىلەرنى سېتىۋېلىشىمغا ياردەم بېرىشى بىلەن دادامنىڭ بېقىنىدا ئولتۇرۇپ باققاللىق قىلىپ، بۇ جەھەتتە خېلى پىشىپ قالدىم ھەم ئاز-تولا نەپكە ئېرىشپ، بۇ ئىشقا بەكلا قىزىقىپ قالدىم،ــــ ئۇ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ يەرگە كەلگەندە يېنىدىكى دوستى گەپ قىستۇردى:ــــ مەنمۇ باققاللىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمەن، دەسلەپكى مەزگىللەردە ئابلەھەد بىلەن ئون-يىگرىمە قوغۇن ياكى بىر-ئىككى سېۋەت تۈرلۈك مېۋە-چىۋىلەرنى ئېلىپ-سېتىشقا يەتكۈدەك دەسمايە بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتسەك، كەچتە 20 - 30 يۈەنگىچە پايدا بىلەن قايتىپ كېلىپ، ئاتا-ئانىمىز ۋە خوتۇن-باللىرىمىزنى تۇرمۇشتىن خاتىرجەم قىلدۇق.ــــ شۇنداق، باققاللىق بەرىكەتلىك كەسىپ ئىكەن، ئون نەچچە يىل ئەنە شۇنداق پارچە ئوقەت بىلەن تۇرمۇشىمىزنى قامداپ يەنە 20-30 مىڭ يۈەن پۇل ئېشىندىم، ئەمما شۇ پۇلنى دەسمايە قىلىپ باشقا باققاللاردەك قوغۇننى كۈزدە توپ ئېلىپ ساقلاپ قىشىچە تىلىملاپ سېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ، كۆزۈم قورقۇپ يەنە بىر نەچچە يىلنى ئۆتكۈزۈۋەتتىم، 2006-يىلى كۈزدە تەۋەككۇل قىلىپ دېھقانلارنىڭ قولىدىن ئىنتايىن تۈجۈبىلەپ، تاللاپ يۈرۈپ 1000 قوغۇن سېتىۋېلىپ، 2007-يىلى ئەتىيازغىچە سېتىپ ئويلىغىنىمدىنمۇ كۆپرەك پايدا ئالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەسلى نان تېگىدىغان ئىش مۇشۇ ئىكەن دەپ، ھەر يىلى سېتىۋالىدىغان قوغۇن سانىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، بۇ يىلغا كەندە 15 مىڭغا يەتكۈزدۈم. يۇرتىمىزنىڭ قوغۇنلىرى داڭلىق،«جۇڭگونىڭ ئەلا سۈپەتلىك قوغۇن ماكانى» دېگەن نامى بار، بۇ مەن ئۈچۈن چوڭ پۈرسەت بولدى. تېخى بىر ئاي ئىلگىرى شەندۇڭلۇق بىر سودىگەرگە 5000 قوغۇن سېتىپ بېرىشكە ۋەدە بەردىم. ئۇكىشى ئۇنىمىغىنمغا قويماي 10 مىڭ يۈەن زاكالەت بېرىپ كېتىپ قالدى. ئابلەھەد مۇھەممەدنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ سودا ئىشلىرىغا ۋە قوغۇن، چىلانچىلىق كەسپىگە ئائىت كىتابلارنى كۆپ كۆرۈدىكەن. ۋاسىتىچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسلىرى بولسا دائىم قاتنىشىپ بۇ جەھەتتىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ تۇرىدىكەن. يەنە، ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە «سۈپەت دېمەك ئىناۋەت دېمەكتۇر، ئىناۋەت دېمەك پايدا دېمەكتۇر»دەيدىغان تىجارەت دەستۇرى بار ئىكەن. ئۇ ھەر قانداق مال سېتىۋالسا، شۇ ۋاقىتتىكى بازار باھاسىدىن ئىككى-ئۈچ يۈەندىن قىممەت ئېلىشىدىن قەتئىينەزەر، شۇ مالنىڭ سۈپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. قوغۇن سېتىۋېلىشتا بولسا، سۈيى كەمچىل يەرلەرگە تېرىلغان، كۈنجىرە، مەھەللىۋى ئوغۇت، ئوت- چۆپ، چىرىندىلار ئوغۇت قىلىنغان قوغۇننى تاللاپ سېتىۋالىدىكەن ھەم قوغۇنچى دېھقانلارغىمۇ بۇ جەھەتتە يوقۇرى تەلەپ قويىدىكەن. چىلان سېتىۋېلىشتا، تۈرگە ئايرىپ سېتىۋېلىشنى مۇھىم بىلىدىكەن.

  ــــ قاراڭلار، بو قوغۇنلارنى ئۈزۈپ ئەكەلگىلى 20 كۈنچە بولدى، لېكىن ساپىقى ھېلىلا پىلەكتىن ئۈزگەندەك تۈرىدۇ،ــــ دېدى ئۇ قوغۇن ساپىقىدا قالدۇرۇلغان 5 سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى پىلەكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،ــــ مانا بۇ قوغۇن تەركىبىدە خېمىيەلىك ماددا تەركىبى يوق، بولمىسا ئاللا بۇرۇن سولىشىپ قۇرۇپ بولاتتى. يۆتكەش، ساقلاش ئىشلىرىغا كەلسەك بۇ ئىنتايىن مۇھىم. قوغۇن دېگەن يۆتكەش جەريانىدا بىر بىرگە قاتتىقراق سوقۇلۇپ كەتتىمۇ، شۇ يەردىن ئىچى زېدە بولۇپ بۇزۇلىدۇ. ساقلاشتا يامغۇر ئۆتۈشمەيدىغان، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان سالقىن جايدا بىر مەزگىىل شامالدىتىشقا، ئامبارغا ئەكىرگەندىن كېيىن تېمپېراتۇرىنى دائىم كۆزىتىپ، قۇرغاق ساقلاشقا ئەھمىيەت بىرىمەن، ــــ دېدى ئۇ قوغۇنلارنى يۆتكەش، ساقلاش جەھەتتىكى تەجرىبىسىنى سۆزلەپ. ئابلەھەد مۇھەممەدنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان قوغۇنلىرىنى ئۆزى مۇستەقىل سېتىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن باشقا، يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيە 42-پولكىدىكى جياڭ يۇڭ ئىسىملىك بىر ۋاسىتىچى سودىگەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەر يىلى 60 ~ 70 توننا ئەتراپىدا چىلان سېتىۋېلىش ئارقىلىق چىلانچىلىق ۋە قوغۇنچىلىق كەسپىدىن ئېرىشكەن يىللىق ئوتتۇرىچە پايدىسىنى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇپ يېزا، كەنت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋاسىتىچى بولۇپ قاپتۇ. بىز ئۇنىڭ ۋاسىتىچىلىق تىجارىتىگە يەنىمۇ روناق تىلەپ زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردۇق.سۈرەتتە: ئابلەھەد مۇھەممەد (ئاق كىيىملىك كىشى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر