باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەتئەلدە ئوقۇغانلار ئارقا-ئارقىدىن قايتىپ كېلىپ، ئىختىساسلىقلار قايتىش شامىلى كۆتۈرۈلدى

2014.09.12 10:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى 11-سېنتەبىردىكى سانىدا «چەتئەلدە ئوقۇغانلار ئارقا-ئارقىدىن ۋەتەنگە قايتىپ، ئىختىساسلىقلار قايتىپ كېلىش شامىلى باشلاندى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلدى، ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: چەتئەلدە قېلىش كېرەكمۇ ياكى ۋەتەنگە قايتىش كېرەكمۇ؟ چەتئەلدە ئوقۇغان بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر ئەمدى بۇ مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرمايدىغان بولدى.

  دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۆزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، چەتئەلدە خىزمەت قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنىڭ قايتىپ كېلىپ چەتئەل بازارلىرىنى ئېچىشى ھەم قۇرۇلۇپ بولغان چەتئەل يولىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە توغرا كەلدى. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر كارخانىلار بىلەن چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ مائاشى بارغانسېرى تەڭلىشىپ، چەتئەلدە ئوقۇغانلار ۋەتەنگە قايتىشنى تاللىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار داۋاملىق يۇقىرى مائاشتىن بەھرىمەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى چەتئەلدە ئوقۇغانلارنى قايتىپ كېلىشكە جەلپ قىلىشتىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار ئىختىساسلىقلارغا يۇقىرى تەمىنات بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە چەتئەل كارخانىلىرىدا ئىشلەش تەجرىبىسى، كوللېكتىپنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەم چەتئەل بازارلىرىنى ئېچىش كەسپىگە پىششىق بولۇشنى تەلەپ قىلدى. مول كەسىپ تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان چەتئەلدە ئوقۇغانلار-ھەر قايسى كارخانىلار تالىشىدىغان ئوبيېكتقا ئايلاندى. شۇڭا، ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى توغرىلاپ، ئۆزلىرىنى ئادەتتىكى چەتئەلدىن قايتقۇچىلاردىن چەتئەلدىن قايتقان ئىختىساسلىقلارغا تېرىشىپ ئايلاندۇرۇش-چەتئەلدىن قايتقۇچىلارنىڭ جىددىي ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. ئىختىساسلىقلار شامىلى ئەمدىلا باشلاندى، تېخىمۇ كۆپ چەتئەلدىن قايتقۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن نەپ ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر