- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئابدۇللا كۆز بويامچىلىق قىلىنغان نەتىجىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى
2014.09.12 10:45 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئافغانىستان پىرېزىدېنت نامزاتى ئابدۇللا 8-سېنتەبىر كۆز بويامچىلىق قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئابدۇللا مۇنداق دېدى: ئەگەر يالغان سايلام بېلىتى بىكار قىلىنسا، مەن غەلىبە قىلىمەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، مەدەنىي ۋاستىلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇللا يەنە مۇنداق دېدى: ئەشرەف غەنى بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى سۆھبەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.
ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: ئىككى نامزاتنىڭ ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش قۇرلماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ كومىتېت يېقىندا پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر