- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پورشونكو ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ 1 مىڭ 200دىن كۆپرەك ئەسىرنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى
2014.09.12 10:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پورشونكو 8-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن بۇيان، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسىرگە ئېلىنغان 1 مىڭ 200 دىن كۆپرەك ئادىمىي شەرقىي قىسىم ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلدى.
پورشونكو مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئەلئارا قوراللىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان 863 كىشى يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، ئۇكرائىنا دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىلىردىن ئىلگىرى قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. پوروشىنكو مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى دۆلەتنى قوغدايدۇ، بىر پۇڭ يېرىنىمۇ باشقىلارغا بەرمەيدۇ. ئۇ ئالاھىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە چەتئەل ئارمىيەسىنىڭ چېكىنىشى ۋە چېگرىنى تاقاشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى چوقۇم ئورۇنلاش كېرەك. ئۇكرائىنالىقلار تۈرلۈك مەسىلىلەردە ئۆزلىرى كېلىشىم ھاسىل قىلالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر