باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دەرقەملىك خەۋەرلىشىش قوراللىرىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2014.09.12 10:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىنتېر تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى 10-سېنتەبىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنتېر تورى ئۇچۇر تارماقلىرىدىن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا كەسپىي ئورۇنلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرقەملىك خەۋەرلىشىش قوراللىرىنى پائال قوللىنىپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇر مۇلازىمىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، ئىجتىمائىي كاپالەت، مۇھىت ئاسراش، قاتناش، سەھىيە، سودا-سانائەت، يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ساياھەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئاممىۋى ئالاقە نومۇرى ئېچىشىغا پائال ئىلھام بېرىلىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئاممىۋى ئالاقە نومۇرىنىڭ تەرەققىيات پىلانى ئىلمىي تۈزۈلۈپ، كۆچمە ئىنتېر تورىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى ئىگىلىنىپ، تور ئەھلىنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق ئۇچۇر ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئاممىۋى ئالاقە نومۇرىنى 60 مىڭغا يەتكۈزۈشكە كۈچ چىقىرىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر