باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق پارلامېنتى يېڭى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ بىر قىسىم ئىسىملىكىنى ماقۇللىدى

2014.09.12 10:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق خەلق پارلامېنتى 8-سېنتەبىر ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى ھەيدەر ئابادى سۇنغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك كابىنېتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ماقۇللىدى، ھەمدە ئابادىنىڭ رەسمىي باش مىنىستىرى بولۇشنى تەستىقلىدى.

  ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ئىختىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئابادى شۇ كۈنى ئاچقۇچلۇق بولغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىق ھالقىلىق كادىرلار نامزاتىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى، بىراق ئۇ بىر ھەپتە ئىچىدە يۇقىرىقى نامزاتلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاۋاز بېرىشتىن كىيىن، ئابادى بىلەن يېڭى كابىنېت ئەزالىرى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. ئۇندىن كىيىن، پارلامېنت ئۈچ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت نامزاتىغا ئاۋاز بەردى. ھازىرقى باش مىنىستىر مالىك، سابىق پارلامېنت باشلىقى ئوسمان نەجىپ ۋە سابىق باش مىنىستىر ئىياد ئالاۋىي مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر