باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

172 سۇ تىجەش، سۇ تەمىنلەش مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

2014.09.12 10:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن سۇچىلىق مىنىستىرلىقى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشچە، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى گوۇۋيۈەن بېكىتكەن 172 سۇ تىجەش، سۇ تەمىنلەش مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، ھازىر قۇرۇلىۋاتقان 40 تۈرنىڭ ئاساسىدا، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى 44 چوڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى باشلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخى قۇرۇلۇش باشلانمىغان 88 تۈرنىڭ دەسلەپكى دەلىللەش ۋە تۈر تۇرغۇزۇپ تەستىقلاش خىزمىتىنى تېزلىتىپ، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ھەممىسىدە قۇرۇلۇش باشلاشقا تىرىشىدىكەن. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، يىللىق سۇ تەمىناتى 80 مىليادر كۇ مېتىر، يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇ تىجەش مىقدارى 26 مىليارد كۇپ مېتىر كۆپىيىدىكەن، سۇغۇرۇش كۆلۈمى 78 مىليون مو كۆپىيىپ، ئېلىمىزنىڭ غول سۇ ئىنشائاتى سىستېمىسىنىڭ ئىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر