باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شەرقىي ئافرىقا ئەللىرى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىمى قۇرۇپ، رايون مالىمانچىلىقىنى ھەل قىلىش قارارىغا كەلدى

2014.09.11 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافرىقا ۋەزىيىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزلۈكسىز داۋالغۇشى ۋە توقۇنۇش ۋەقەلىرىنىڭ ئۈزۈلمەستىن يۈز بېرىشگە ئەگىشىپ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كۆپلىگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بۇنى دەل ۋاقتىدا بىسىقتۇرالمىدى، يېقىندا شەرقىي ئافرىقا ئەللىرى يىل ئىچىدە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىمى قۇرۇپ، رايون مالىمانچىلىقىنى ھەل قىلىشنى قارار قىلدى.

  شەرقىي قىسىم ئافرىقىدىكى ئون دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە دۆلەت موداپىئە مىنىستىرلىرى يېقىندا رىۋاندانىڭ پايتەختى كىگالىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، 12-ئايدا ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە كېلىدىغان شەرقىي ئافرىقا رايون تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنى قۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. رۋاندا دۆلەت موداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى يۈسۈپ نازاباۋىتا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بۇ قىسىم شەرقىي ئافرىقىدىكى ئون دۆلەتنىڭ 5 مىڭ ئەسكىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت رايون مالىمانچىلىقى، ئىچكى ئۇرۇش ۋە سىياسىي ئۆزگىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، چەتئەل ئارمىيەلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىشنى ئازايتىشدىن ئىبارەت. خەۋەرلەرگە قارىغاندا: بۇ قىسىمنىڭ باش شتابى ئېفىئوپىيىدە تەسىس قىلىنىدىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مەشىق قىلىشمۇ 11-ئايدا ئېفىئوپىيىدە ئىلىپ بېرىلىدىكەن.

  بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: شەرقىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنى قۇرۇشى، بۇ رايوننىڭ داۋالغۇش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، جەنۇبىي سۇداندا داۋاملاشقىنىغا سەككىز ئاي بولغان قۇراللىق توقۇنۇش، كېنىيەدە ئۆزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش خەۋپى، 20 نەچچە يىل تىنچ بولمىغان سومالى ھەمدە ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق تەشكىلات بولغان روھ قارشىلىق كۆرسىتىش ئارمىيەسى تۈپەيلىدىن قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئۇگاندا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ بەش مىڭ ئەسكەر ئاساسلىقى بۇرۇندى، ئۇگاندا، ئېپوپىيە، رۋاندا ۋە كېنىيەدىن كەلگەن بولۇپ، جىبۇتى، سومالى ۋە كامېرونمۇ ئوخشاش بولمىغان ساندا ئەسكەر ئەۋەتكەن.

  2002-يىلى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇرباندا ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىك ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا، ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئافرىقىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمى بۇنىڭ ئىچىدىكى بەش چوڭ مەسىلىنىڭ بىرى بولغان. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى 2003-يىلى شىمالىي ئافرىقا، شەرقىي ئافرىقا، غەربىي ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىبارەت بەش رايوندا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنى قۇرۇشنى ھەمدە مۇشۇ ئاساستا 2010-يىلى ئافرىقىنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنى قۇرۇش يول خەرىتىسىنى ئورۇنلاپ بولۇشنى ئوتتۇرغا قويغان. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بۇ ئالدىن كۆزلەنگەن نىشان ئورۇنلانمىغانلىقتىن، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىمىنى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى 2015-يىلغا كېچىكتۈرگەن ئىدى.

  ئافرىقا مەسىلىسىنى ئافرىقىلىقلار ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان لايىھە قىلىش ئۈچۈن، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمى، ئوتتۇرغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇنىڭغا ئىزچىل تۈردە ئافرىقا ئەللىرىنىڭ سىياسەت قاتلىمىدىكىلەر پائال تۇرتكە بولۇپ كەلدى، بىراق كونكرېت مەشغۇلاتنىڭ ئىلگىرىلىشى ئاستا بولدى. باش شتابى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بىرىتورىيەدە تەسىس قىلىنغان بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋادىران مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئەڭ گەۋدىلىك بولغان مەسىلە مەبلەغ ۋە ھەربىي قۇرال جابدۇق قاتارلىقلار كەمچىل بولماقتا. رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ھەرىكىتىدىكى %90 دىن كۆپرەك ۋەزىپىسى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مالىيە جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۈسكۈنە ۋە مەبلەغ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىدە، ئىستراتېگىيەلىك ھاۋا تىرانسپورت ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن، چۈنكى بۇ ئافرىقا تىز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنىڭ دەل ۋاقتىدا توقۇنۇش بولغان رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقىنى بەلگىلەيدىكەن. جەنۇبىي ئافرىقا ئەركىنلىك شتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ھۈسەيىن، سورۇمىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك كېڭىشى 2007-يىلى تىنچلىقنى ساقلىغۇچى قىسىمغا سۇداننىڭ دارفور رايونىدىكى توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايونغا بېرىشقا ھوقۇق بەرگەندىن كىيىن، نىگېرىيە بىلەن رىۋاندانىڭ ئەسكەرلىرى ھاۋا تىرانسپورت ئۈسكۈنىلىرى كەمچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز دۆلەتلىرىدە ساقلاپ تۇردى، ئەڭ ئاخىرى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى بىلەن ۋەزىپە ئۆتەيدىغان رايونغا يېتىپ باردى. مۇشۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، بىخەتەرلىك تەتقىقات ئورنى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلىك، ئانگولا خىلى كۈچلۈك قىسىمغا ئىگە. مىسىر تىرانسپورت پاراخوت ئەترىتىگە ئىگە، ئەگەر ئافرىقا رايونىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالسا ھەمدە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسە، ئافرىقا تىنچلىقنى قوغداش ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىيەلەيدۇ.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: شەرقىي ئافرىقا ئەللىرى كىلەر يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنى قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش يىغىنى ئاچماقچى، بىراق بىقىندا ئاخىرلاشقان تۇنجى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئافرىقا رەھبەرلىرى يىغىنىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كەلگۈسى ئۇچ يىلدىن بەش يىلغىچە ئافرىقىنىڭ تىز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنى قۇرۇش ئۈچۈن ھەر يىلى 110 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغان دۆلەتلەر ئاساسلىقى شەرقىي ئافرىقا رايونىغا جايلاشقان. بىراق گانا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئافرىقا بىخەتەرلىك بىلەن تىنچلىق ئىشلىرىدا چەتئەللەرنىڭ ياردەم بېرىشىگە تايىنىدۇ، بۇ ئافرىقىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى نىشانىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇنداقلا چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئافرىقىنى بوزەك قىلىشغا بوشلۇق ھازىرلاپ بىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر