باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش قانداق سىگنال بېرىدۇ؟

2014.09.11 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش 18-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، شوتلاندىيەلىك سايلىغۇچىلار ئارىسىدا مۇستەقىل بولۇشنى قوللايدىغانلار ئۈزلۈكسىز ئېشىۋېتىپتۇ. ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسى نوپۇزلۇقمۇ ئەمەسمۇ؟ شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك؟ بۇ ئەنگلىيە بىلەن پۈتۈن ياۋروپاغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

  شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىنى ئاساسلىقى ئۈچ ئەلئارا تەكشۈرۈش ئورگىنى يەنى يوۋگوۋ تەكشۈرۈش شىركىتى، پانېلباسې ئەلرايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى ۋە TNS بازار تەكشۈرۈش شىركىتى ئىستاتىستىكا قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە يوۋگوۋ تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات خادىمى پېتېر كېلنېر بولۇپ، بۇ ئاپپارات ئەنگلىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇ، ئەڭ نوپۇزلۇق ئەلرايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ بىرى دەپ قارالغان.

  يوۋگوۋ 7-سېنتەبىر 1084 شوتلاندىيەلىك سايلىغۇچى ئارىسىدا ئېلىپ بارغان ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلدى، شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچىلار مۇستەقىللىققا قارشى تۇرغۇچىلار لاگىرىنىڭكىدىن تۇنجى قېتىم ئېشىپ كەتكەن. ھېچقانداق ئاۋاز بېرىشكە قاتناشمىغانلارنى چىقىرىۋەتكەندە، 51 پىرسەنت ئادەم مۇستەقىللىقنى قوللىغان، 49 پىرسەنت ئادەم قارشى تۇرغان. بىر قارارغا كېلەلمىگەن سايلىغۇچىنى قوشقاندىمۇ، مۇستەقىللىق لارگىرى 47 پىرسەنت ئاۋاز بىلەن مۇستەقىللىققا قارشى تۇرۇش لاگىرىنىڭ 45 پىرسەنتلىك ئاۋازىدىن كۆپ بولغان.

  پانېلباسې ئەلرايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى ۋە TNS بازار تەكشۈرۈش شىركىتى 8-ۋە 9-سېنتەبىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، قارشى تۇرۇش لاگىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ نىسبىتى مۇستەقىللىق لاگىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىر ئاز يۇقىرى ئىكەن.

  شوتلاندىيە تاراتقۇ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا: ئەلرايى تەكشۈرۈش پەقەت پۈتكۈل مۇساپىنىڭ بىر قىسمى، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ئەمەس دېيىلدى.

  مۇستەقىللىق لاگىرىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق ئۈستىدە ئىزدىنىشىدە تۆۋەندىكىدەك ئاساسلىق سەۋەبلەر بار:

  بىرىنچىسى، سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ مۇستەقىل بولۇش. ھازىرقى تۈزۈلمە ئاساسىدا، شوتلاندىيە ئادالەتسىزلىك، دېموكراتىيە بولماسلىقتەك مۇئامىلىگە ئۇچرىغان، ئەنگلىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى بىر قىسىم سىياسەتلەرنى شوتلاندىيەگە تاڭغان.

  ئىككىنچىسى، ئىقتىسادى جەھەتتە تېخىمۇ روناق تېپىش. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى شوتلاندىيە ئىقتىساد ۋە باج كىرىمى جەھەتلەردە تامامەن مۇستەقىل بولىدۇ، ھازىر نۇرغۇن ئىقتىسادى تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللىقىدا بولغاچقا، بەزى تەدبىرلەر شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە تامامەن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

  ئۈچىنچىسى، جەمئىيەتنى تېخىمۇ باراۋەر قىلىش. مۇستەقىللىق لاگىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ئەنگلىيەنىڭ ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيانقى كېرىمىدە پەرق ناھايىتى زور، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىق دەرىجىسى چۈشۈپ كەتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەنگلىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىنىڭ ئاقىۋىتى.

  بۇندىن باشقا، مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن شوتلاندىيە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئۆزى مۇستەقىل قارار قىلالايدۇ، نېفىت-گاز بايلىقىنى ئۆزى مۇستەقىل ئاچالايدۇ ھەمدە ئۆز مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرالايدۇ.

  2012-يىلى ئۆكتەبىردە ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن شوتلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى باش ۋەزىرى سالموند شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى. ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ھوقۇق بېرىشى ئارقىسىدا شوتلاندىيە پارلامېنتىنىڭ 2014-يىلى مۇستەقىللىقنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ھوقۇقى بار، ئەنگلىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن شوتلاندىيە ھۆكۈمىتى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، مۇستەقىللىق لاگىرىنىڭ قوللاش نىسبىتى ئاشقان.«شوتلاندىيەلىكلەر گېزىتى»نىڭ 8-سېنتەبىردىكى تەھلىلىدە مۇنداق دېيىلدى: شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئېشىۋاتىدۇ، سايلىغۇچىلارمۇ مۇستەقىللىقتىن كېلىپ چىقىدىغان خېيىم خەتەرنى تېخىمۇ تولۇق تونۇپ يەتمەكتە. مۇستەقىللىققا قارشى تۇرۇش لاگىرىنىڭ سىياسەت ۋە تاكتىكا مەسلىھەتچىسى جىم گالاھىر: ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىنى مۆلچەرلەش تەس، مۇستەقىل بولغۇچىلار بىلەن مۇستەقىللىققا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئاۋاز نىسبىتى يېقىنلىشىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ ھېسابلىدى.

  ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «يەكشەنبىلىك تايمىس گېزىتى»نىڭ تەھلىلىدە مۇنداق دېيىلدى: ناۋادا شوتلاندىيە مۇستەقىل بولسا، كامېرون ئەنگلىيەنى پارچىلىنىشقا دۇچار قىلغان دەپ قارىلىدۇ، ئۇ تۇرۇشلۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىمۇ بۇنىڭلىق بىلەن سېسىق نامغا قالىدۇ.

  بەزى تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ناۋادا شوتلاندىيە مۇستەقىل بولسا، كامېرون تەختتىن چۈشۈشى مۇمكىن، مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەنگلىيەدىكى پارتىيەلەرنىڭ ئەندىزىسىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىپ، ئەنگلىيە پارتىيەسىنىڭ سىياسىيسى ھەتتا ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتىگىمۇ زەربە بولۇشى مۇمكىن .

  ئەنئەنە بويىچە، ئەنگلىيە لبورىسلار پارتىيەسى ئىزچىل شوتلاندىيەلىك سايلغۇچىلارنى ئەتىۋارلاپ كەلگەن، ناۋادا شوتلاندىيە مۇستەقىل بولسا، لبورىسلار پارتىيەسى شوتلاندىيەنىڭ سايلام بېلىتىدىن قۇرۇق قالىدۇ. ناۋادا لبورىسلار پارتىيەسى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئەنگلىيە مۇستەقىللىق پارتىيەسى قاتارلىق كونسېرۋاتىپ گۇرۇھلار، ياۋروپاپەرەس پارتىيەلەرنى ئۆزئارا چەكلىيەلمىسە، ئەنگلىيە تەشەببۇس قىلغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش سادالىرى يەنىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ.

  مۇستەقىللىققا قارشى تۇرۇش لاگىرىنىڭ سىياسەت ۋە تاكتىكا مەسلىھەتچىسى جىم گالاھىر مۇنداق دەپ قارىدى: ناۋادا ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىدە مۇستەقىللىققا قارشى تۇرۇلسا، بۇ سايلىغۇچىلارنىڭ شوتلاندىيەنىڭ ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىشىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، بەلكى شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ تۇنجى قېتىم «دېموكراتىك» شەكىل ئارقىلىق شوتلاندىيەنىڭ ئەنگلىيەنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىشىنى تەستىقلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر