- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىز تارماقلارنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىدۇ
2014.09.12 10:31 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 10-سېنتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. گوۋۇيۈەن بىكار قىلىنغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن 632 مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرى ئاساسىدا، تارماقلارنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىدۇ. بىكار قىلىنغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىنىڭ تەركىبىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ساھەلەردە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. يىل ئىچىدە، گوۋۇيۈەن يەنە تارماقلارنىڭ مەمۇرىي تەستىقلاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى پىكرىنى چىقىرىپ، ئىش بېجىرىش كارخانىلىرى، شەخسلەر ئېھتىياجلىق بولغان تەستىقلاش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈشتە ئاساسى بولۇش، قوللىنىدىغان ماددا بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ شۇنداقلا تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر