باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى كادىرلار ئارىسىدا EMBA ئوقۇشىدىن چېكىنىش دولقۇنى قوزغىدى

2014.09.15 10:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىڭخۇا گېزىتى مۇخبىرى خۇەي رېگۇنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 8-سېنتەبىر جۇڭگو-ياۋروپا خەلقئارا سودا-سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ تور بېكىتىدىكى EMBA (ئالىي باشقۇرغۇچىلار سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى) ئوقۇغۇچىلىرى تىزىملىكىدە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئۈچ كادىرنىڭ ئىسىملىكى بار ئىدى، 9-چېسلاغا كەلگەندە ئۆچۈرۈۋېلدى. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يۇقىرى باھالىق تەربىيەلەش تۈرلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلىدى، EMBA، EMBA ئاشتى، لىدىرلار سىنىپى قاتارلىقلار يۇقىرى باھالىق ئىجتىمائىي تەربىيەلەش تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قاتنىشىشى بىردەك چەكلەندى». بۇنىڭ بىلەن رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا EMBA ئوقۇشىدىن چېكىنىش دولقۇنى قوزغالدى.

  كىرىمىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ تەربىيەلەش سىنىپلىرىنىڭ ھەققى بەكلا يۇقىرى بولۇپ، قاتناشقان كادىرلارنىڭ نەچچە يىللىق ھەتتا ئون نەچچە يىللىق مائاشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر زاتنىڭ جىڭخۇا گېزىتى مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، EMBAدا ئوقۇيدىغان كادىرلارنىڭ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىدىغانلىقى ناھايىتى ئاز ئىكەن، بىر قىسمى ئىدارىسىنىڭ تەربىيەلەش خىراجىتىدىن چىقىم قىلىدىكەن، بەزىلىرىنىڭ ئوقۇش ھەققىنى سودا ئىنىستىتۇتلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىدىكەن، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئوقۇش ھەققىنى كارخانىلار ئۈستىگە ئالىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كادىرلارنىڭ EMBAدا ئوقۇشى مۇۋاپىق ئەمەسكەن، ئاسانلا چىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ چەكلەش بۇيرۇقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىپ، EMBAقا ئوخشاش كىچىك ھالقىلارغىچە چېتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

  جىڭخۇا گېزىتى مۇخبىرى خۇەي رېگۇنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى مەنبە:خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر