باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللىي مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى ئورتاق قوغدايلى ۋە ئەۋج ئالدۇرايلى

2014.09.15 09:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  –شىنجاڭ مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ‹‹مىللىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيلىكنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلايلى›› دېگەن تەشەببۇسى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

  شىنجاڭنىڭ 32 مەدەنىيەت خىزمەتچىسى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا چىقارغان ‹‹مىللىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيلىكنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلايلى ›› دېگەن تەشەببۇسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. چۈنكى بۇ ئوچۇق خەتتە ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئورتاق سادا ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇلار بەس – بەس بىلەن مىللىي مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش، سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، زامانىۋى مەدەنىيلىك يۆنىلىشىگە سەمىمىي يۈزلىنىش بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز ۋە مۇقەددەس بۇرچىمىز، دېيىشتى.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىس ئەنۋەر سەمەت مۇنداق دېدى: ‹‹ <ناخشا – ئۇسسۇل ماكانى> دېگەن بۇ گۈزەل نام بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ جۇغلانمىسىدىن كەلگەن. بۇنى ئاشۇ بىر ئوچۇم دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ نابۇت قىلىشىغا قانداقمۇ يول قويالايمىز؟ مەن سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەرگىزمۇ ياندا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرالمايمەن! مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتىمەن. بىز ئېغىر يۈكنى زىممىمىزگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يول باشلىغۇچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك››.

  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوركېستىر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇراخمان ئايۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇنىڭدىن كېيىن بىز خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەتلەردە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مول ھەم ئىلغار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى توغرا ئىدىيەۋى قاراش ش ەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەيمىز››.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇلچىسى ئابدۇنەزى غېنى مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇپ، مەيلى ياشانغانلار ياكى بالىلار بولسۇن، توي ياكى دوستلار يىغىلىشىدا بولسۇن ھەممىسى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسسۇل ئويناپ كەيپىياتنى جانلاندۇرىدۇ. زوراۋان – تېررورچىلار دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، بىزنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىمىزنى نابۇت قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، تويدا ناخشا ئېيتىشقا، ئۇسسۇل ئويناشقا بولمايدۇ، دەپ جار سېلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن توي مۇراسىم ئادەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايمىز. بىز تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر نومۇرلارنى ئىجاد قىلىپ، ئاممىغا زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسى ۋە رەزىل سۇيىقەستىنى ئاشكارىلاپ بېرىشىمىز كېرەك››.

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇسسۇل ئەترىتىنىڭ باشلىقى مېھرىبان دولقۇن مۇنداق دېدى: ‹‹تەشەببۇسنامىدە بىز مەدەنىيەت – سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يۈرەك سۆزى ئېيتىلىپتۇ. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت، <ئۈچ خىل كۈچ> دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، مىللىتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى ۋە سەنئەت ئەنئەنىسىنى نابۇت قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، بىزنى نادانلىققا، قاراڭغۇلۇققا باشلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگەنلىك. بىز مەدەنىيەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا سەنئەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەر ئالدىدا ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىر، گۈزەل ھەم نۇرلۇق ئۇيغۇر ئوبرازىنى نامايان قىلىمىز››.

  ئاۋات ناھىيەسىدىكى ‹‹دولان ئۇسسۇلىنىڭ پىرى›› دېگەن نامى بار ئۆمەر شادى بوۋاي مۇنداق دېدى: ‹‹مەن تۆت ياشتىن باشلاپ ئۇسسۇل ئۆگىنىشكە باشلىغان، بىر ئۆمۈر ئۇسسۇل ئوينىدىم، كەنتىمىزدىكىلەرمۇ مېنى بەك ھۆرمەت قىلىدۇ، ناھىيەمىزمۇ ماڭا كۆيۈنۈپ، مېنى نۇرغۇن شەرەپلەرگە مۇيەسسەر قىلدى. دىن ئەسەبىيلىرى ياشلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نىشانى ۋە نىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. كەنتىمىزدە توي ئۇسسۇل ئەترىتى قۇرۇلدى، توي – تۆكۈن بولسىلا پۇقرالار بىزنى تەكلىپ قىلىدۇ. مەنمۇ قاتنىشىشنى خالايمەن. مۇزىكا ۋە خۇشاللىق بار تۇرمۇش نېمە دېگەن ياخشى – ھە!››

  جىمسار ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – رادىيو – ساياھەت – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چى جىپىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭدا نۇرغۇن مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت – سەنئەت مىراسلىرى بار، بۇلار بىزنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسى. مۇنەۋۋەر مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە مىللەتلەرنىڭ ساغلام، ئالغا ئىنتىلىش روھى مۇجەسسەملەنگەن، بىز بۇنىڭ بۇزۇلۇشىغا يول قويمايمىز. مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق ئالدىدا چوقۇم بايرىقى روشەن، پوزىتسىيەسى قەتئىي بولۇشى كېرەك››.

  ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسى ئازاق كەنتىنىڭ ‹‹يەرلىك كاناي›› تەشۋىقاتچىسى، مەملىكەتلىك ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقايلى›› باش تېمىسىدىكى نەزەرىيە تەشۋىقاتىدىكى ئىلغار شەخس تۇرسۇن قۇربان مۇنداق دېدى: ‹‹كەنتتىكى ئايرىم كىشىلەر ھازىر توي – تۆكۈنلەردە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىسا بولمايدۇ، دەۋاتىدۇ. بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى نابۇت قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟ مەن ئاممىغا دىن ئەسەبىيلىرىنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قويماقچىمەن. مەن دېھقانلار قىرائەتخانىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىنى پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى كۆپرەك ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇپ، مەدەنىي، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان پۇقرالاردىن بولۇشقا يېتەكلەيمەن››.

  يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جيې مۇنداق دېدى: ‹‹بىز ئىش ئورنى ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كىنونى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق مول پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقىغا ئالدانماسلىق، يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە پۇرسەت بەرمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە بېرىشىمىز كېرەك››.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر