باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخماننىڭ ئائىلە زىياپىتىگە داخىل بولدى(1)

2014.09.15 09:30   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخماننىڭ ئائىلە زىياپىتىگە داخىل بولدى(1)

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-سېنتەبىر تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان ئۆتكۈزگەن ئائىلە زىياپىتىگە قاتناشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقى قىزغىن، خۇشال كەيپىياتتا پاراڭلاشتى، دوستلۇق، ھەمكارلىق ئۈستىدە توختالدى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى

  شىنخۇا تورى، دۈشەنبە، 13-سېنتەبىر تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-سېنتەبىر تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان ئۆتكۈزگەن ئائىلە زىياپىتىگە قاتناشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقى قىزغىن، خۇشال كەيپىياتتا پاراڭلاشتى، دوستلۇق، ھەمكارلىق ئۈستىدە توختالدى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ بىلەن ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە يېتىپ بارغاندا، راخمان بىلەن ئۇنىڭ رەپىقىسى كاتتا كىيىنىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇلارنى ئىشىك ئالدىدا كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. راخمان شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىگە ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى تونۇشتۇردى، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئۇلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۈچ ئەۋلاد قېرىنداش بولسا جۇڭگودا بەخت ھېسابلىنىدۇ. سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.

  مېھمانلار بىلەن ساھىبخانلار ماڭغاچ پاراڭلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولۇشۇم. مەن دۈشەنبىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقى، تەرەققىياتىنىڭ تېزلىكىنى كۆردۈم، تاجىكىستان خەلقى ئاددىي-ساددا، دوستانە ئىكەن، مېھمانلارغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىكەن. بىز دوست، قوشنا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تاجىكىستاننىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خۇشالمىز. ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىم مەن سىز بىلەن ئىلگىرى ھاسىل قىلغان ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. مەن سىز بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى پىلانلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  راخمان مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىزنىڭ ياخشى قوشنىمىز، ياخشى شېرىكىمىز، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ. تاجىكىستان خەلقى سىزنىڭ زىيارىتىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى زىيارەت بىر قېتىملىق تارىخىي زىيارەت بولىدۇ. چوقۇم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدۇ.

  كەچلىك زىياپەتتىن كېيىن، راخمان ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنى تاجىكىستان دۆلەت مېھمانخانىسىغا تەكلىپ قىلدى، ئىككى دۆلەت باشلىقى يەنە بىر قېتىم ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  12-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن تاجىكىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جابولىنىڭ ھەمراھلىقىدا، تاجىكىستان مۇزىكا ئىنستىتۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلايلى
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·بىر ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك تەقدىرى بەلگىلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدىكى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا قويۇشنى ئىلگىر…
      ·جېجياڭدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ «ئۆگزە مەيدان» سالدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ …
      ·بېيجىڭ سەنئەت–تاراتقۇ كەسپىي ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100 ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز …
      ·بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ماسلىشامسىز
      ·ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قانداق ئىلتىماس…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى …