«جۇڭگو-تۈركىيە سودا مەبلەغ ھەمكارلىق مۇنبىرى» كۆرگەزمىنىڭ 4-قەۋىتىگە جايلاشقان جۇڭغار يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن ئىقتىساد مىنىستىرى ئادىنان ئەپەندى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مائاۋ ئەپەندى، تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئەلى مۇرات ئەپەندى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى لى جيەنجې ۋە جۇڭگو-تۈركىيە ئىككى تەرەپنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، كارخانا ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 80 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.