باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى: شى جىنپىڭنىڭ سۆزى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

2014.09.15 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تاجىكىستاندا مۇھىم سۆز قىلغاندىن كېيىن، چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى: شى جىنپىڭنىڭ سۆزى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى خىزمىتىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى دەپ قارىدى ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇتەخەسسىسى چوپلىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى شاڭخەي ھەمكارلىك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىساد مۇناسىۋىتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ھىندىستاننىڭ نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەھلىلچىسى، ئارمىيىدىن چېكىنگەن گىنىرال برىگادىر چاپلا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى نۆۋەتتىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايونىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادى ۋەزىيىتىگە دەل كېلىدۇ. بۇ رايوننىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم قىبلىنامە.

  قازاقىستان خەلقئارا سودا ئىنىستېتوتى رايونى تەرەققىيات تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى تۇرۇشوف مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى قۇرۇشتا بالدۇرراق بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقا ئالاقىدار مۇراجىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئافغانىستان مۇخبىرى بەشىر ئايوبى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ خىل كۈچ ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش تەكلىپى مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، رايون مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈمى بار.

  كورىيە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا تارىخ تەتقىقاتخانىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى چې زەيفۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى ۋە پىشىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مېخانىزم جەھەتتە باسقان بىر قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  پاكىستان ئىسلامئاباد دۇنيا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى خالىد ماخمۇت مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تور تېررورلۇقىغا زەربە بېرىشنى نۇقتا قىلىپ، ھازىرقى باسقۇچتا ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش ئۈچۈن توغرا ھەرىكەتلىنىش يولى كۆرسىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر