يېقىندا ئىراق خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ سالاھىدىن ئۆلكىسى ئامىرلى بازىرىغا بولغان ئىككى ئاي داۋاملاشقان مۇھاسىرىسىنى بۇرۇپ تاشلىدى. سۈرەتنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» نۆۋەتتە سۈرىيەنىڭ شەرقىي قىسمى، ئىراقنىڭ غەرب ۋە شىمالىي قىسىم زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە «سىستېمىلىق ھاۋا ھۇجۇمى» قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ سۈرىيە زېمىنىدىكى نىشانلىرىغا ھەرىكەت قوللىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇنى «ئاجىزلىتىپ»، ئاخىرى «گۇمران» قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا يەنە باشقا دۆلەتلەرنى «ئىسلام دۆلىتى»گە قارشى كەڭ ئىتتىپاق تۈزۈشكە چاقىردى.
لېكىن جامائەت پىكرىنىڭ قارىشىچە، بۇ لايىھە ناھايىتى مۇكەممەلدەك تۇرغىنى بىلەن ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نى بىتچىت قىلالىشى گۇمانلىق ئىكەن. تېررورلۇققا قارشى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەندىلا، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغدىغىلى بولىدىكەن.
نىشانىمىز ‐‐ رايونلار ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىرلىكتە «ئىسلام دۆلىتى»نى بىتچىت قىلىش.
ئوباما نۇتقىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ زور تەھدىت ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئاشقۇن تەشكىلاتلارىن كېلىۋاتىدۇ، «ئىسلام دۆلىتى» دەل شۇلارنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلات سېپى ئۆزىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى، ئۇ ئوتتۇرا شەرققىلا ئەمەس ئامېرىكىغىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىر «كەڭ ئىتتىپاق»قا رەھبەرلىك قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى ئومۇميۈزلۈك ۋە سىجىل سىياسەت ئارقىلىق «ئىسلام دۆلىتى»نى بىتچىت قىلىدۇ. بىرىنچىدىن، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى ئىتتىپاققا رەھبەرلىك قىلىپ، سۈرىيە ۋە ئىراق زېمىنىدىكى تېررورچىلارغا «سىستېمىلىق ھاۋا ھۇجۇمى» قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى مەزكۇر رايوندىكى تېررورلۇققا قارشى قىسىملارغا بولغان ياردەمنى كۈچەيتىدۇ، ئامېرىكا ئىراققا يەنە 475 ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئىراق ۋە كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەربىي مەشىق، ئاخبارات، كۆزىتىش ۋە رازۋىتكا قىلىش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدۇ ھەم قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوباما يەنە پارلامېنتقا سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرگە تېخىمۇ كۆپ قورال-ياراغ ياردەم قىلىشقا ھوقۇق بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ مەبلەغ مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، ئاخبارات ئىقتىدارى ۋە مۇداپىئەنى كۈچەيتىدۇ، چېگرا سىرتىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ مەزكۇر رايونغا كىرىشىنى توسىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى